دوكتور ئاندېرس كور: «‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان كونتروللۇقىنى ئاشۇرىدۇ! »

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.12.20
qeshqer-tok-aptomobil قەشقەر «ئەركىن سودا رايونى» دا تۇنجى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» نى يولغا قويۇش مۇراسىمى. 2023-يىلى 16-دېكابىر، قەشقەر
chinanews.com.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «ئەركىن سودا رايونى» دا تۇنجى قەدەمدە يولغا قويغان ۋە زور مەبلەغ سالغان «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە خەلقئارا سودىدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ھالبۇكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» نى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭدەك خام ئەشيا ۋە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان غايەت سانائەت تۈرىدۇر، دەپ قارىماقتا.

 «خىتاي تورى» نىڭ 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «ئەركىن سودا رايونى» دا تۇنجى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» نى يولغا قويۇپ، كانچىلىق ماشىنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە قوللىنىلغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى ۋە مىكرو ئېلېكتىرلىك ئۈچ چاقلىق ماشىنا قۇراشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش قاتارلىق ساھەلەرگە توققۇز مىليارد سوم (تەخمىنەن بىر يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سالغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› قەشقەرنى، جۈملىدىن شىنجاڭنى ئاپتوموبىل سانائىتى ۋە خەلقئارا سودىدا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.»

دۇنيا تارىخىدىكى مۇستەملىكىچىلىك تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەرقايسى مۇستەملىكە رايونلىرى، جۈملىدىن لاتىن ئامېرىكىسى ياكى ئافرىقىنىڭ ھەرقاچان ئىشغالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىنلاردىن توپلانغان بايلىق ئارقىلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچىلىك ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. جەيمىس مىلۋاردتەك ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» نى ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇش ۋە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قەشقەرنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنى تېخىمۇ چوڭقۇر كونترول قىلىشنىڭ مەقسەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

 «قەشقەردە يولغا قويۇلغان ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› گۇمانلىق بىر تۈر. چۈنكى بۇ تۈر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغال قىلىنغان يېرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا ھەئە ياكى ياق دېيەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ تەرەققىيات تۈرىنى ئۆز زېمىنىدا يولغا قويۇلۇشىنى خالىمايدۇ. ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› تۈپەيلى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش زۆرۈر بولغاچقا ئۇيغۇرلار داۋاملىق زور كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىشى مۇمكىن. ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ تەرەققىيات تۈرىنى شىنجاڭغا بولغان كونتروللۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويىدۇ. ئېنىقكى، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي شىمالدا ئەمەس، يەنى شىنجاڭدا ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ شەرقىدە. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› نى شىنجاڭدا يولغا قويۇشى ۋە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى قەشقەرنى، شۇنداقلا شىنجاڭنى ياكى شەرقى تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈندۇر» .

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن تارىختىن بۇيان سودا ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن خىتاينىڭ جان تومۇرى بولۇپلا قالماستىن، سىياسىي جۇغراپىيە، بولۇپمۇ خىتاي مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جۇغراپىيەلىك قالقان بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى جازا تەدبىرلىرى مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆز ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق غەربكە كېڭىيىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى دۆلەت سىياسىتى تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. شۇ سەۋەبتىن خىتايلار ئارىسىدا «شىنجاڭ قولدىن كەتسە، ئىچكى موڭغۇل قولدىن كېتىدۇ؛ ئىچكى موڭغۇل قولدىن كەتسە بېيجىڭ قولدىن كېتىدۇ» دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقالغان.

ئاپتوموبىل سانائىتى ساھەسىدە يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان بىرنەچچە دوكلاتتا نۇقتىلىق ئورۇن ئالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتى بىلەن بولغان ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدە ھەممىدىنمۇ ئېغىر بولغىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئىستانبۇلدىكى «تەدبىر» تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «قەشقەر ئىقتىساد، جۇغراپىيە ۋە قاتناشنىڭ تۈگىنى. ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› خىتايغا غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى كۈچەيتىدۇ» .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇەن يوڭ مۇنداق دېگەن: «بۇ قەشقەر ‹ئەركىن سودا رايونى› قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› نى يولغا قويۇش مۇراسىمى. كەلگۈسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنا سانائىتى ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر قەشقەرگە تەكلىپ قىلىنىپ مەبلەغ سېلىشنى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. تۇنجى ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ» .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئاخبارات ساھەسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بەختلىك ۋە پاراۋان ھاياتقا، شۇنىڭدەك تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ھەرقاچان تەكرار تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان «مەڭگۈلۈك تېما» لارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل «تەرەققىيات» تىن قانچىلىك مىننەتدار بولغانلىقى دائىم ئۇيغۇرلارنىڭ «شادىمانلىققا تولغان ساما» لىرى ئارقىلىق «ئىسپاتلىنىپ» كەلمەكتە. دوكتور ئاندېرس كور «قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى گۈەن يوڭغا رەددىيە بېرىپ، ئۆزىنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسى ھېچقاچان ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىش قىلمايدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» ئۇيغۇرلارغا قىلچىلىكمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «بۇ گۇمانلىق، يەنى ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر تۈر. ئەپسۇس، بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىش قىلىشىغا ئىشەنمەيمىز. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا سىياسىي جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىشتىن بەكرەك ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. بۇ يەردە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان ‹يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى› ئۇيغۇرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كونتروللۇقىنى ئاشۇرىدۇ» .

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» گە ئوخشاش سانائەت ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقات قىلغاندەك ئۇيغۇر ئېلىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا بىرەر مەنپەئەت ئەمەس، ئەكسىچە كۈلپەت ۋە كۆز يېشى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئورتاق پىكىردە. رېئاللىقمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يالغان تەشۋىقاتلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئەمەس، ئەكسىچە كان بايلىقلىرىنى ۋە خام ئەشيالارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي يەنە «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائىتى تۈرى» قاتارلىق زور تۈر ۋە قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشنى پىلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە سانائەت ۋە ئاساسىي ئەسلىھە يول قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە كونتروللۇق دائىرىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىگە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ بىلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.