تونۇلغان ئۇيغۇر كومپوزىتورى شاھىدە شاھىمەردانوۋا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.02.17
Ataqliq-kompozitor-shahide-sheymerdanova.jpg تونۇلغان كومپوزىتور، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى شاھىدە شاھىمەردانوۋا يېقىندا 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
RFA/Oyghan

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تاشقىرى يەنە ئۆزبېكىستاندىمۇ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەينى ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولۇپ كەلگەن ئۆزبېكىستاندا مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە داڭقى چىققان ئۇيغۇر سەرخىللىرى كۆپلەپ يېتىلىپ چىققان. دۆلەت ئەربابى خېلەم خۇدابەردىيېف، ئاكادېمىك يارمۇھەممەت مۇبارەكوف، يازغۇچىلار يەھىيا تاھىروف، سۇلتان جامال، داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئابدۇرەھىم ئەخمەدى، خالىسخان قادىروۋا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەنە شۇنداق كۆرنەكلىك شەخسلەرنىڭ يەنە بىرى تونۇلغان كومپوزىتور، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى شاھىدە شاھىمەردانوۋا يېقىندا 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

بىز تاشكەنت شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۆزبېكىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن سەنئەت ئەربابى، ئۆزبېكىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى رۇستەم ئابدۇللايېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاتاقلىق كومپوزىتور، ئۆزبېكىستاندىكى تۇنجى ئايال كومپوزىتور ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئىنتايىن تالانتلىق ھەم كۆپ تەرەپلىمىلىك كومپوزىتور ئىدى. شاھىدە شاھىمەردانوۋا بورىس زېيدمانغا ئوخشاش ئاتاقلىق كومپوزىتورلارنىڭ قولىدا ئوقۇدى. ئۇ بىزنىڭ يەنە بىر ئاتاقلىق كىشىمىز شائىرە زۇلفىيەنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىگە مۇزىكا يازدى. ئۇنىڭ يازغان ناخشىلىرىنى بولسا ئۆز ۋاقتىدا رەنا شەرىپوۋا، مۇكاپات شەمىيېۋا قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ يازغان ژانىرلىرى خىلمۇ-خىل. كامېرىلىق مۇزىكا بىلەن بىللە يەنە كۋارتېت، فورتېپىيانو، ئىسكىرىپكا ئۈچۈمۇ يازغان مۇزىكىلىرى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم. شاھىمەردانوۋا ئۆزىنىڭ كەسپىي خىزمىتىدىن تاشقىرى جەمئىيەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلگەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزبېكىستان رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى باشقۇردى.»

ئىگىلىشىمىزچە، شاھىدە شاھىمەردانوۋا 1928-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. 1964-يىلى ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت دۆلەت كونسېرۋاتورىياسىدە كومپوزىتسىيە سىنىپىنى، 1970-يىلى پروفېسسور بورىس زېيدماننىڭ سىنىپىدا ئاسسىستېنتۇرا كەسپى بويىچە ئوقۇشنى تاماملىغان. ئۇ سىمفونىيانىڭ، ئىسكىرىپكا ۋە ئوركېستىر ئۈچۈن كونسېرتنىڭ، «ئازاد شەرق ئايالى» كانتاتا-داستانىنىڭ، «سەلەي چاققان» مۇزىكىلىق كومېدىيەسىنىڭ، «ئاماننىساخان» مۇزىكىلىق درامىسىنىڭ ۋە 100 دىن ئوشۇق ناخشىلارنىڭ ئاپتورى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئاكادېمىيەلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلى رەھبىرى نىياز تۇرسۇنوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قىلغان نۇرغۇن ئەمگەكلىرىنى ياخشى بىلىمەن. مەسىلەن، 1985-يىللىرى تاشكەنتتە ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. شۇ يىللىرى ئۇ ئانسامبىلغا مەشرەپنىڭ، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ، خېلىل ھەمرايېفنىڭ تېكىستلىرىگە نۇرغۇن ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى. 1986-يىلى ئۇيغۇر تىياتىرىغا كېلىپ، ‹سەلەي چاققان› مۇزىكىلىق درامىسىنى سەھنىلەشتۈردى. 20 گە يېقىن ئۆزبېك ئانسامبىللىرىغا ناخشىلار ئىجاد قىلغان. 1989-يىلى ئاماننىساخان توغرىلىق سەھنە ئەسەرنى قويدى.»

نىياز تۇسۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، شاھىدە شاھىمەردانوۋا يەنە ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا رەھبەرلىك قىلغان يىللىرى «12 مۇقام» نى رەتلەپ چىقىپ، شۇنىڭدىن ناۋا، ئۇشاق، چارىگاھ، سىگاھ، بايات، ئەجەم، ئىراق قاتارلىق مۇقاملارنى پلاستىنكىغا يېزىپ چىقىرىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.