فېيسبۇك شىركىتى: «خىتاي تور جاسۇسلىرى ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.03.25
فېيسبۇك شىركىتى: «خىتاي تور جاسۇسلىرى ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان» تېلېفون ئېكرانىدا كۆرۈنۈپ تۇغان Facebook بەلگىسى. 2017-يىلى 3-ئاۋغۇست.
REUTERS

24-مارت فېيسبۇك شىركىتىنىڭ تور جاسۇسلۇقنى تەكشۈرۈش مەسئۇلى مايك دۋىليانسكى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ مەسئۇلى ناتانيېل گلېيچېر خىتاي تور جاسۇسلىرىغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى Earth Empusa ۋە Evil Eye دەپ ئاتالغان بىر تۈركۈم تور جاسۇسلىرىغا قارشى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. ئۇلار بىزنىڭ تور سەھنىمىزنى سۈيىئىستېمال قىلىپ، يامان غەرەزلىك ۋىرۇس تارقىتىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىنى ئوغرىلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئاساسلىقى تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، سۈرىيە، ئاۋىستىرالىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە خىتايغا قارشى پىكىر ئىقىمىدىكىلەرنى نىشان قىلغان.»

فېيسبۇك شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور جاسۇسلىرى نىشانغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇرغان. بەزى ئەھۋاللاردا تور جاسۇسلىرى يوشۇرۇن نازارەت قىلىدىغان يۇمشاق دېتال ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلۈش نىسبىتى يوقىرى بولغان خەۋەر تور بېكەتلىرىنى ئىشلەتكەن. ئۇلار فېيسبۇكتا ساختا ھېسابات ئېچىپ ژۇرنالىست، ئوقۇغۇچى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ياكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇلار نىشانلىغان كىشىلەر بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ۋىرۇسلۇق تور بېكەتلەرگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك بېتىنىڭ بىنورمال ھالەتكە كېرىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدىن تارقاتقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مۇستافا ئاقسۇ ئەپەندى بۇ ئەھۋال ھەققىدە مۇنداق دېدى: «فېيسبۇكتا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن. مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دوستلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەپتۇ. خىتاي تور جاسۇسلىرىنىڭ بۇ خىل توردا ھۇجۇم قىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. مېنىڭچە، بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇم دېيىشكە بولمايدۇ.»

فېيسبۇك شىركىتى خىتاي تور جاسۇسلىرى ۋە خاككېرلىرى قوللانغان تاكتىكىلار، تېخنىكالار ۋە تەرتىپلەرنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە يىغىنچاقلىنىدىكەن:

IP ئادرېسى، ئىزدەش كۆزنىكى ۋە تىل تەڭشەكلىرى قاتارلىق ئاساسلىق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ھۇجۇم نىشانىنى تاللاش.

ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىلىدىكى داڭلىق خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ نامىنى سۈيئىستېمال قىلىش، يەنى نىشانغا ئالغان كىشى دائىم زىيارەت قىلىدىغان قانۇنلۇق تور بېكەتلەرنىڭ نامىنى قوللىنىپ قاپقانغا چۈشۈرۈش.

فېيسبۇكتا ژۇرنالىستلار، ئوقۇغۇچىلار، كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ياكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدەك قىياپەتتىكى ساختا ھېسابات سۇپىسى ئارقىلىق نىشانلىغان كىشىلەرنى ۋىرۇسلۇق ئۇلىنىشقا باشلاش.

ئاندىرويىد ئەپ دۇكىنىغا تەقلىد قىلىنغان تور بېكەتلەرنى قۇرۇپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى دېتالى، دۇئا دېتالى ۋە لۇغەت دېتالى قاتارلىق ئۇيغۇر تېمىسىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىلار ئارقىلىق قارماققا ئېلىندۈرۈش.

فېيسبۇك شىركىتى يۇقىرىقى ئۇسۇللاردىن باشقا خىتاينىڭ ئىچىدىكى شەھەرلەردە تۇرۇپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ھەرخىل يۇمشاق دېتال ئابۇنىتلىرىنى نازارەت قېلىدىغان Earth Empusa ۋە Evil Eye نامى بىلەن ئاتالغان ئاتالغان ئورگانلار خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ھىسابلىندۇ، دەپ ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى «ۋولېكسىتى» بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى ستېۋېن ئادائىر ئەپەندى ئۇيغۇرلانىڭ بۇ خىل تور جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش يوللىرى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «تور جاسۇسلىرى نورمال فېيسبۇك ئابونتلىرىدەك ئۇيغۇر قىياپىتگە كېرىپ سىز بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار تونۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياقىدا سىزگە ‹ماۋۇ ئۇلىنىشتىكى خەۋەرگە قاراپ بېقىڭ› دەپ ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ ئۇلىنىشنى چېكىپ قالسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ تېلېفۇنىڭىزنى كونتروللۇقىغا ئالالىشى مۇمكىن. تېلېفۇنىڭىزدىكى بارلىق ئۇچۇر، رەسىم، ۋىدىيو. . . ئىشقىلىپ تېلېفۇنىڭىزدا قىلىدىغان بارلىق مەشغۇلاتلار تور جاسۇسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا چەكمەكچى بولغان ئۇلىنىشقا، دوستلۇق تەلىپى ئەۋەتكەن ناتونۇش كىشىگە دىققەت قېلىڭ. تونۇمايدىغان تېلېفۇن نومۇرى، بېلمەيدىغان تور بىكەتلىرىدىن ئىھتىيات قىلىڭ. ھەتتا تونۇيدىغان بىرىسدىن غەلىتىرەك ئۇلىنىش كەلسىمۇ دىققەت قىلىڭ، چۈنكى تور جاسۇسلىرى ئاشۇ خىل ھىيلە ئارقىلىق سىزنى قاپقانقا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ.»

فېيسبۇك شىركىتىنىڭ باياناتىدا تور جاسۇسلىرى ئۇيغۇلارنى «ئىز غوغلاپ قىلتاققا چۈشۈرىدىغان» بىر قانچە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر ۋە ئەپلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇلار قۇرئان كەرىم، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى، ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرلار كۆپ كېرىدىغان تور بىكەتلەر.

CNN خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، فېيسبۇك شىركىتى تور جاسۇسلۇقىنى ئەيىبلىگەن، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قارشى بىۋاسىتە بىر نەرسە دېمىگەن. ئۇلار تور جاسۇسلىرىنى «ياخشى تەربىيەلەنگەن ۋە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە،» دەپ تەسۋىرلىگەن.

گۇگۇل مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن يىلى خىتاي تور جاسۇسلرىنىڭ «ئالما» ۋە «ئاندروئىد» تېلېفونلىرىدىكى ئەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇلار: «خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ ياردىمىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنى ‹ئوۋ نىشانى› قىلدى،» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.