«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرە» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېما بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.10
jurgen-trittin-yurgen-trittin.jpg «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرە» ناملىق يىغىندا تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يۈرگېن ترىتتىن ئەپەندى. 2020-يىلى 9-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
bundestag.de

گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقنى تەكىتلەشتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان ياۋروپا زىيارىتى ئاخىرلىشىپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى «ئاسىيا سىياسىتى» نى ئېلان قىلىپ، «گېرمانىيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، قىممەت قارىشىدا گېرمانىيە بىلەن كېلىشەلەيدىغان دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش» نى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

15 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، ئەمما ئاخىرقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان توختاپ قالغان، بەزى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى» دەپ قارالغان «گېرمانىيە-خىتاي قانۇن دىئالوگى» نى داۋاملاشتۇرۇشمۇ ۋاڭ يىنىڭ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.

«گېرمانىيە-خىتاي قانۇن دىئالوگى» 8-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلدى. گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەربېل كوفلەر خانىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماسقا ۋاكالىتەن بۇ دىئالوگقا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ دىئالوگنى باشلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 7-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن بولغان بۇ دىئالوگتا كونكرېت ھالدا قايسى مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش لازىملىقىنى مۇزاكىرە قىلغان. سۆھبەتكە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن.

گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەربېل كوفلەر خانىمنىڭ 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى «گېرمانىيە-خىتاي قانۇن دىئالوگى» مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

كوفلېر خانىم باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا بىز قانۇن-تۈزۈم، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە نۆۋەتتىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇق. مەن بىر مەزگىلدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىش ئەھۋالىنى ھەمدە خىتاينىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيەتلىرىدىن كۈنسېرى يىراقلىشىش ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلگەن ئىدىم. بىز مۇشۇ ئاخىرقى ھەپتىدە قولغا ئېلىنغانلارغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› نىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بىز يەنە خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان نازارەت ۋە ۋەيرانچىلىقلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە قامىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قولغا ئېلىشنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق. مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاھىدە ۋەزىنلىك تەلەپپۇزدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىن كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدىم.»

كوفلېر خانىمنىڭ باياناتتا تىلغا ئېلىشىچە، بۇ قېتىمقى تور سۆھبىتىگە گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم مىنىستېرلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي تەرەپ كونكرېت تېمىغا، ئاساسلىق كۈنتەرتىپكە كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئەمما مەن بىلەن سۆھبەتتە بولغان خىتايلار نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ئېنىق چۈشەندى».

دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى، 9-سېنتەبىر گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرە» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

9-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 18:39 ئۆتكەندە باشلىنىپ 1 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى توماس ئوپپېرمان رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى. تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن يۈرگېن ترىتتىن نۇتقىدا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ مۇقەددىمىسىدە دېڭ شياۋپىڭ يولغا قويغان تاشقى سىياسەتنىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى جەھەتتە شىنجاڭدىن خوڭكوڭغىچە قول ئۇزارتقانلىقىنى، تاشقى جەھەتتىن «يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن دۇنياغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كۈچلۈك رىقابەتتە ئامېرىكانى مەغلۇپ قىلىپ دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى بىر خىتاي سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ»، «سىستېمىلىق رەقىب»، «ئىقتىسادىي رىقابەتچى» دەيدىغان ئىدېئولوگىيەسىگە لايىق تاشقى سىياسەت بەلگىلىيەلمىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئادالەت بولمىغان، ئەركىنلىك يوقنىڭ ئورنىدا بولغان، ھەممە يەرنى كۈچلۈك نازارەت قاپلىغان خىتاي بۇ دۇنياغا مودېل بولالمايدۇ. خىتاي گېرمانىيە ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ ھەمراھ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدىكى زوراۋانلىقلىرىغا چەكلىمە قويۇش كېرەك.»

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باشقىچە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇلتاينىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بارغانسېرى كۆپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنازىرە› ناملىق بۇ يىغىندا يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە خرىستىئان سوتسىيال پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دوكتور يوھان داۋىد، ئا ف د (گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش) پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دوكتور رولاند خارتۋىگ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىدارىسىنىڭ باش مىنىستىرى نىلس ئاننېن، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن قاتارلىقلارمۇ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئۆتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىدارىسىنىڭ باش مىنىستىرى نىلس ئاننېن سۆزىدە «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ يادروسى. بىز خوڭكوڭ، شىنجاڭ مەسىلىلىرىدە خىتاينى بۇ جايلاردىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ كېلىۋاتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماس 1-سېنتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى نارازى قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى،» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئەڭ كەسكىن ئىپادە بىلدۈرگەن پارلامېنت ئەزاسى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدى يەنسېن خانىم بولدى. ئۇ سۆزىدە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تراگېدىيەلىك كەشمىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەلەپپۇزدا تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.