ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىۋېتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ سۇنۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.07.06
James-McGavern-Marco-Rubio.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى جەيمىس مىكگوۋېرن ئەپەندىم (سولدا) ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو ئەپەندىم (ئوڭدا). 2020-يىلى.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى، مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېيمىس پ. مەكگاۋېرن بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىنغا مەكتۇپ سۇنۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان قەبىھ قىلمىشلارغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇپتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈىۋاتقان جىنايەتلەرنى «قەبىھلىك جىنايىتى» دەپ ئاشكارا بېكىتىش مەسىلىسى ۋە نوپۇس كېمەيتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم ئۇلارنى جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا، مىنىستىرلارنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئېچىشىنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپقا يۇقىرىقى ئىككى رەئىسنى قوشقاندا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 76 نەپەر ئەزاسى ئىمزا قويغان.

مەكتۇپ مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كېمەيتىش ئۈچۈن ئاياللارنى تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە باشقا مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېڭى پاكىتلىرى مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ مەكتۇپنى يازدۇق. ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك، چۈنكى پاكىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر ئائىلىلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا زوراۋانلىق قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز بۇ قەبىھ سىياسەتنى ئەيىبلەپلا قالماي، بۇ جىنايەتلەرگە مەسئۇل بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇندىن باشقا، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل ياكى ئەمەسلىكىنى رەسمىي قارار قىلىشىنى سورايمىز».

مەكتۇپتا ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باشقا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكادا 1988-يىل تەستىقلانغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»، شۇنداقلا 2019-يىل قانۇنغا ئايلانغان «ئېلى ۋىزەل (ئەلىە ۋىەزەل) ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئوچۇق بېكىتىش، ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى خەلقئارالىق يېتەكچى رولىنى نامايان قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكانىڭ «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر جىنايەتكە چېتىشلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقىدا تىلغا ئېلىنغان ئەھدىنامە ۋە قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كېرەكلىك «قانۇنىي قوراللار» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە «يەر شارى ماگنىتىسكى قانۇنى» نىڭ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىنغان زىيانكەشلىككە دائىر پاكىتلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان زوراۋانلىق تەدبىرلىرىگە قارىتا ئامېرىكادا كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك ۋە خەلقئارا ھەرىكەت بولمىسا بولمايدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئىنسانلارنى قامىدى، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلدى، مەجبۇرىي ئىشلەتتى ھەمدە ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، بۇ مەكتۇپنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىگە ۋە خەلقئاراغا جاكارلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مەزكۇر خەتتە تىلغا ئېلىنغان «قەبىھلىك جىنايىتى» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سېناتور ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ ‹قەبىھلىك جىنايىتى› دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىگە، ئاندىن بۇ مىنىستىرلىقتىكى قانۇنچىلارنىڭ ئۇنى رەسمىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. قانۇنىي ھۆكۈم قانۇنچىلار تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ، ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ھۆكۈمەتلەر ئۇنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. بىرىنچى قەدەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇ جىنايەتكە قانداق باھا قىلىشنى قارار قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانۇنىي جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئېيتساق، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ جىنايەتلەرنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتسە، كېيىن بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش كېلىشىمىدە ئېيتىلغان جىنايەتلەر قاتارىدا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى «قەبىھلىك جىنايىتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئامېرىكادا قوللىنىلىش ئەھۋالىنى بايان قىلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىمزا قويغان خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئەھدىنامىلەردە بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا قانۇندا، سىياسىي مەۋقەدە ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈلمىسىدە مىليونلارچە خەلقنى مىللىتى ۋە دىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن جازا لاگېرلىرىغا قاماشنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ يەكۈنلەش ئادىتى ۋە قانۇن-تۈزۈمى بار ئىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكىلى بولغان بىلەن، ئۇنىڭ قانۇن جەھەتتىن مەجبۇرلاش كۈچى، يەنى ئۇ جىنايەتكە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت باشلىتىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئېنىقلىما بېرىشتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى› دە تىلغا ئېلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مەلۇم بىر تۈرىگە چۈشىدىغان ئىسپاتلار تولۇق بولۇشى كېرەك. بۇ ئەھدىنامىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تولۇق ئېنىقلىما بېرىلگەن، ئۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، ئېتنىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مەنچە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ھۆكۈم قىلىش ئاسان، چۈنكى بۇ بۇ جىنايەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كېلىشىمنامىسىدىكى قەبىھ جىنايەتلەرگە چۈشىدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ھالبۇكى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىدى.»

ئادرىيان زېنىز يەنە مەزكۇر مەكتۇپنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئوينايدىغان رولى ۋە ئەھمىيىتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەكتۇپنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى قانۇنىي جەھەتتىن بېكىتىش ۋە خەلقئاراغا جاكارلاشنى تەلەپ قىلىشتۇر. ھازىرغا قەدەر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەقەت بايانات بېرىش، ئۇ جىنايەتلەرنىڭ قەبىھلىكىنى تىلغا ئېلىش ۋە ئۇلارنى توختىتىشقا ئۈندەش بىلەن بولۇپ كەلدى. ئەمما بۇ جىنايەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئاممىغا ئوچۇق جاكارلىمىدى. مەنچە، بۇنداق قىلغاندا بۇ ئىشقا قارىتا ھەرىكەت قوللىنىش مەسئۇلىيىتى ئازراق بولىدۇ. بۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئىشتىكى يېتەرسىزلىكىدۇر. بۇ مەكتۇپ دەل شۇ يېتەرسىزلىككە قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ جىنايەتكە ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىشى ۋە ئاشكارا ئېلان قىلىشى ئۈچۈن باشلىغان بىر سىنىقىدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.