ئۆتكەن يىلى 26-ئىيۇن كۈنى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا 100 تۈرك ئادۋوكاتنىڭ «قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» نامىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان بىرلەشمە ئەرزنامىسىگە جاۋاب كەلدى.
«قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» مەسئۇلى ئادۋوكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەتتە مەزكۇر ئەرزنامىنىڭ 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 29-نۆۋەتلىك يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقى، يىغىنغا ئەرزنامىنى سۇنغان 100 ئادۋوكاتقا ۋاكالىتەن «قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» مەسئۇللىرى قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بىز بۇ توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئەنقەرە ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن كەلگەن خەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز 2020-يىلى 6-ئايدا 100 ئادۋوكات بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرزنامە سۇنغانىدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرغان ئەرزنامىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى 12 ماددا ھالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئونلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرى ئىسپات سۈپىتىدە بىرلىكتە سۇنۇلغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن بىزگە بىر پارچە جاۋاب خېتى كەلدى. بۇ خەتتە يېزىلغانغا ئاساسلانغاندا بىزنىڭ ئەرزنامىمىز 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلىدىغان 29-نۆۋەتلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن».
ئادۋوكات فارۇق كەلەشتىمۇر يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ب د ت گە سۇنغان ئەرزنامىمىزنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە جەنۋەدە ئېچىلىدىغان يىغىندا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقى بىزگە ئۈمىد بولدى. بىز ‹قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى›نىڭ مەسئۇللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جەنۋەگە بېرىپ بۇ يىغىنغا قاتناشماقچىمىز. شۇنداقلا بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاخىرغىچە قوللايمىز».
ئادۋوكات فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى ب د ت گە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات سۇنۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىدۇر. بىز قانۇن بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋوكاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ مەسىلىدە بىزنى ئىزچىل قوللاۋاتقان كەسىپداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن».
«قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» نىڭ تور بېتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان بىرلەشمە ئەرزنامىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، 1948-يىلى ماقۇللانغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدىكى ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى، شەخسىي ئائىلىۋى تۇرمۇش مەخپىيەتلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى، ياشاش، كۆپىيىش ھوقۇقى قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
100 تۈرك ئادۋوكاتنىڭ ب د ت غا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇنۇشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭ ب د ت دە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆپلەپ كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇنىڭ تۈركىيەدە قانۇنىي يول بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتا ياخشى بىر باشلىنىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ئەرزنامىنىڭ جەنۋەدە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ «ئۈچ باسقۇچلۇق شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت ياكى شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، يەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرگەن ياكى قولىدا بۇ ھەقتە ئىسپاتى بار بولغان كىشىلەر ياكى گۇرۇھلار ئەرز ئىلتىماسى سۇنالايدىكەن. تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلار تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ئەرزنامە سۇنغان بولۇپ، كېلەچەكتە باشقا ساھە ۋە كەسىپلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ مۇنداق ئەرزلەرنى تېخىمۇ كۆپ سۇنۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.