ۋاشىنگىتوندىكى تۈرك فېستىۋالىدا «ئۇيغۇر كۆرگەزمىسى» دىققەت تارتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.09.30
washington-turk-fetival-uyghur-1.jpg «ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئائىت گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى. 2019-يىلى 29-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Gülchéhre

ھەر ھەپتە ئاخىرى ئوخشىمايدىغان فېستىۋاللار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 29-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالى» بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا بايرام تۈسى قوشتى.

ئامېرىكادىكى تۈركلەر 17 يىلدىن بۇيان «تۈرك فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يۈزلىگەن كۆرگەزمە ئۈستەل ۋە چېدىرلارنى قۇرۇپ، تۈرك مەدەنىيەت-سەنئىتى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئۇسۇللاردا نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 29-سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاقسارايغا يانداش پېنسىلۋانىيە ئايلانمىسىدا 12-كوچىدىن 14-كوچىغىچە بولغان دائىرىنى قورشاپ تۈرك فېستىۋالىغا ئورۇن ھازىرلانغان. بۇ بىر كۈنلۈك تۈرك فېستىۋالغا 25 مىڭ زىيارەتچىنىڭ قاتناشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. شۇ كۈنى ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ۋاشىنگتوندا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك فېستىۋالىنى ئامېرىكادىكى تۈرك جامائىتى بىلەن بىللە باشقا بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرمۇ خۇددى ئۆزلىرىنىڭ بىر بايرام كۈنىدەك تەبرىكلەپ كەلمەكتە.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتچان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىزغىن ھەمكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ نۆۋەتلىك تۈرك فېستىۋالىدىن تۇنجى قېتىم ئورۇن ئالدى. ئۇلار فېستىۋال مەيدانىدىن 3 ئۈستەل ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئائىت گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى، چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئائىت تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى كۆرگەزمە قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر رېستورانلىرىدىن دولان رېستورانى يۈز كىشىلىك پولو تەييارلاپ زىيارەتچىلەرگە داستىخان ئاچقان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالىغا بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقى، بۇنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت بولغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا مەلۇمات بەرگەن.

ئامېرىكادىكى پائالىيەتچان ياشلاردىن فىرقەت جەۋدەت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئۆز ئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملىرىنى ئايىماي ئېلىپ كېلىشى بىلەن تېز ئارىدا تۈرك فېستىۋالىدا مەخسۇس بىر ئۇيغۇر كۆرگەزمە چېدىرى ياسالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن بىر كۈنلۈك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ كەلگەن پىدائىيلارنىڭ زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر كۆرگەزمىسىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

كىچىك ۋاقتىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەدە بىر مەزگىل ياشىغان، بۇنىڭدىن 20 يىل ئاۋۋال تۈركىيەدىن يەنە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەلفىدار خانىم ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان تۈرك فېستىۋالىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر كۆرگەزمە پائالىيىتىدە ئۇ تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا تاماشابىنلارغا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلفىدار خانىم بۇ نۆۋەت گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر فېستىۋالدا كۆرگەزمە ئېچىشى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما مەيلى تاماشابىنلار مەيلى تۈركلەر ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى ۋە مۆلچەردىن ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچىلەردىن تاھىر ئىمىن بۇ قېتىمقى تۈرك فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان 2000 دىن ئارتۇق كىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتى ھەمدە خىتاينىڭ 3 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن 200 دەك كىشى ئادرېس تىزىملىكىگە ئىمزا قويغان. نۇرغۇن يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلار نەق مەيداندا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان. ئومۇمەن ئۇيغۇرلار ئاچقان كۆرگەزمە 17-نۆۋەتلىك ۋاشىنگتون تۈرك فېستىۋالىدىكى ئەڭ دىققەت تارتقان بىر نۇقتىغا ئايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.