تۈرك ساياھەتچى شىناسى بايراق: «ئۈرۈمچىگە خۇشال بېرىپ، قايغۇ بىلەن قايتتىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.12.17
turk-sayahetchi-shinasi-bayraq.jpg تۈرك ساياھەتچى شىناسى بايراق ئەپەندى تۇرپاندا. 2019-يىلى نويابىر.
RFA/Arslan

تۈرك نەسلىدىن بولغان گېرمانىيە پۇقراسى شىناسى بايراق ئەپەندى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى ۋە تۇرپانغا زىيارەتكە بارغان. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن: «ئۈرۈمچىگە خۇشاللىق بىلەن بېرىپ، قايغۇ بىلەن قايتتىم،» دېدى.

شىناسى ئەپەندى ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىپ كەلگەن بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەر بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىناسى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ ئۆزىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەستىن ساياھىتىنى داۋام قىلغان. بىراق ئۈرۈمچىدە قول تېلېفونىدىكى ۋاتىسئاپ ئارقىلىق ئىستانبۇلدىكى ھەدىسىگە تېلېفون قىلىپ سۆزلەشكەندىن كېيىن ۋاتىسئاپ تېلېفونى ئىشلىمىگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئارقىسىغا 25 ياشلار ئەتراپىدا بىرىنىڭ پايلاقچىلىققا چۈشكەنلىكىنى بايقاپ قالغان.

بىز شىناسى ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان زىيارىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: سىز يېقىندا ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاننى زىيارەت قىلىپ كەپسىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

شىناسى بايراق: مېنىڭ ئىسمىم شىناسى بايراق، تۈركىيەدە تۇغۇلدۇم، گېرمانىيەدە چوڭ بولدۇم، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھاگۇە ئارەا دىكى خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتا خىزمەت قىلىمەن.

مۇخبىر: سىز قانداق بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ئويغا كەلدىڭىز؟

شىناسى بايراق: مەن ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىپەك يولى تارىخىغا قىزىقىپ كەلدىم. ئۇيغۇرلار تۈرك مەدەنىيىتىگە ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن زاماندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ يىل ئۇ يەرگە بېرىش ماڭا نېسىپ بولدى.

مۇخبىر: ئۈرۈمچىگە قانداق بارالىدىڭىز؟

شىناسى بايراق: مەن شەرقىي تۈركىستانغا بېيجىڭ ئارقىلىق باردىم. ئۈرۈمچىگە ئايروپىلان بىلەن باردىم. كېيىن تۇرپانغا باردىم، باشتا ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بارغان، بەك ھاياجانغا چۆمگەن بولساممۇ، بىراق ئۇ يەردىن قايغۇ ئىچىدە قايتىپ كەلدىم.

مۇخبىر: سىز ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا تۇنجى بولۇپ نېمىلەرنى كۆردىڭىز؟ دىققىتىڭىزنى ئەڭ كۆپ تارتقان نۇقتىلار قايسى؟

شىناسى بايراق: مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققىنى ئادەتتىن تاشقىرى تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغانلىقىم بولدى. ھەر يەردە كامېرا بېكىتىلگەن. ھەتتا تاكسى ۋە ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچىدىمۇ كامېرالار بىلەن كۆزىتىلىپ تۇرىدىكەن. يوللارنىڭ ھەممە يېرىدە توسۇقلار بار ئىكەن، ماشىنىلارنى توختىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. مەن ساياھەتچى بولۇپ تۇرپانغا بارغاندا بىر كۈن ئىچىدە 8 قېتىم پاسپورتۇمنى سوراپ تەكشۈردى. ھەر توسۇقتا تىزىمغا ئالىدىكەن ۋە تۈرلۈك سوئاللارنى سورايدىكەن. توسۇقتا نۆۋەت ساقلاۋاتقانلاردىن ئۇيغۇرلارنى دەسلەپتە چىقىرىپ ئايرىم سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان پويىز ئىستانسىلىرىدا ئۇيغۇر يولۇچى ئۇچراتمىدىم. پەقەتلا خىتاي يولۇچىلار بار ئىكەن. مەسچىتلەرمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەن. كامېرالار بار ئىكەن، ساقچىلار كۆپ ئىكەن. مەسچىتتە كۆپ ئادەم يوق، پەقەتلا بىر قانچە نەپەر ياشانغان بوۋايلارنى كۆردۈم.

شىناسى ئەپەندى تۇرپاننىڭ تۇيۇق يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «تۇيۇق يېزىسى ئۈستى ئوچۇق بىر مۇزېيغا ئوخشايدىكەن. يولدا ۋە يېزىدا ناھايىتى چىڭ بىخەتەرلىك توسۇقلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇق يېزىسىغا باردىم، بىراق كوچىلاردا ئادەم يوق ئىكەن. مەن كوچىدا پەقەت ياشانغان بىر ئايال بىلەن 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئايالنى كۆردۈم. ئۇزاقتا ئۈزۈمزارلىقتا كەتمەن بىلەن يەر چېپىۋاتقان بىر ياشانغان كىشىنى كۆردۈم. بۇ جەريانىدا 25 ياشلار ئەتراپىدا بىر ياش كىشى مېنى ئۇزاقتىن كۆزىتىپ ئارقامدىن ئەگىشىپ يۈردى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ خالىغانچە دىنىي ئىبادەتلىرىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئەمما مەن ئۇ يەردىكى مەسچىتلەرگە قۇلۇپ سېلىنىپ تاقالغانلىقىنى ياكى مۇزېيخانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ، سۈرەتلەرگە تارتىم.

مۇخبىر: سىز ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشمايدىغان قانداق پەرقلەرنى كۆردىڭىز؟

شىناسى بايراق: بازاردا، دۇكانلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىم-سېتىمدىن باشقا گەپنى سۆزلىشىش مۇمكىن ئەمەسكەن. چەتئەللىكلەر بىلەن سۆزلىشىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن، يەنى قورقىدىكەن دېسەممۇ بولىدۇ. بەزى يەرلەردە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ ئەتراپىدا خىتاي نازارەتچىلەرنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدىم. مەسىلەن، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ سالام بەرسەم جاۋاب بېرەلمەيدىكەن. ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر بەك ئاز ئىكەن، پەقەت چوڭ بىر بازاردىن باشقا يەردە ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. ئۈرۈمچى خىتايلىشىپ بولۇپتۇ، تۇرپانمۇ شۇنداق. تۇرپاندا تۆت بۇلۇڭلۇق چوڭ بىنالار بار، ئەمما ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىققا ئائىت ئۆيلەر قالماپتۇ.

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھاياتى توغرىسىدا قانداق بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز؟

شىناسى بايراق: ئۈرۈمچى ۋە تۇرپان مۇزېيىدا ساياھەتچىلەرگە خىتايلاشتۇرۇلغان تارىخىي يادىكارلىقلار كۆرسىتىلىدىكەن. تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭ مەسچىتى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئىبادەت قىلىش چەكلىنىپتۇ. ناماز ئوقۇيدىغان يەرلەر توسۇپ قويۇلۇپتۇ. تۇيۇق يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىر مازارلىقنىڭمۇ زىيارەتچىلەر ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكىنى بىلدىم. تارىخىي مەسچىتلەر ۋە مازارلارنىڭ ۋەيرانە تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ كەمتەر، چىقىشقاق ۋە مېھماندوست ئىكەنلىكىنى رېستورانلاردا كۆردۈم. ئۇيغۇر تاماقلىرى خىتاي تاماقلىرىدىن پەرقلىق ئىكەن. ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ تەمى تۈرك تاماقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن نان، لەڭمەن، مانتىلارنى بەك ياقتۇردۇم. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىمۇ ئانادولۇ تۈرك مۇزىكىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خوشخۇي مۇئامىلىسىدىن تۈركلەرنى ئەسلەپ قالىسىز. مەن باشتا دېگەندەك، ئۈرۈمچىگە خۇشاللىق بىلەن باردىم، ئەمما قايغۇ بىلەن قايتتىم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.