تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «روزى ھېيىتنى سېغىنىش، غەم-قايغۇ ۋە ئەنسىرەش بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە دۇئا قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.13
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار: «روزى ھېيىتنى سېغىنىش، غەم-قايغۇ ۋە ئەنسىرەش بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەركىنلىكىگە دۇئا قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتىمىز» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامايىش قىلماقتا
Social Media

13-ماي كۈنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. ھېيىت ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىدىغان ۋە قېرىنداشلاردەك قۇچاقلىشىپ ھېيتلىشىدىغان كۈندۇر. بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۈن چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن مۇڭ، قايغۇ، سېغىنىش ۋە غەم باسىدىغان، شۇنداقلا ھىجران ئوتلىرى يەنىمۇ كۈچىيىدىغان، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان كۈن ئىكەن. 

بۇ يىل روزى ھېيتتا تۈركىيەدە 9 كۈن تەتىل بولغان بولسىمۇ، كورونا ۋاباسى تۈپەيلى سىرتقا چىقىش چەكلەنگەن بولغاچقا، كىشىلەر ھېيتنى ئۆيلىرىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان دۇنياغا تېز سۈرئەتتە يامرىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نورمال ھاياتىغىمۇ زور داۋالغۇشلارنى ئېلىپ كەلدى، 4 يىلدىن بۇيان ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغان، 15 كۈندىن بۇيان كورونا ۋاباسىدىن تۈپەيلى ئۆيىدىن سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى كۆڭلى يېرىم بىر ھالدا ئۆتكۈزمەكتە. ئۆتكەن ئايدا تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كېتىپ، 1-ماي كۈنىدىن تارتىپ كارانتىن يولغا قويۇلغان ئىدى. 13-ماي كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى ھېيىت نامىزىنى ماسكا تاقاپ، ئارىلىق تاشلاپ ئولتۇرۇش قائىدىسىگە بويسۇنغان ھالدا ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئۆزئارا بايراملىشىش ۋە زەرەتكارلىققا بېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىدا دۇئا قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. بىز تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، كونيا، قەيسەرى ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيتنى ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئىلگىرى ھېيىت نامىزىنى تۈركىستان مەسچىتىدە ئوقۇپ، مىللىي كېيىملىرىنى كېيىپ، بارلىق ئۆيلەرگە ھېيىت پەتىسى ئوقۇپ ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى تۈپەيلى ئۆيدىن چىقماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆيدە دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئەڭ كۆپ شەھەرلەردىن بىرسى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن مەرھۇم  ئابدۇلھەكىمخان  مەخسۇمنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ دۇئا قىلغان. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى روزى ھېيىتتا كۆڭى يېرىم ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە زور ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت بولغاچقا، كورونا ۋىرۇسىغا سەل قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كورونا ۋاباسىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان كونيا شەھرىدە 90 ئائىلە ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلار روزى ھېيىتىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ كونيا شۇبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەپەندى تۈركىيەدە 17 كۈن سىرتقا چىقىش چەكلەنگەن بىر زاماندا ئۆزئارا ھېيىت پەتىسى قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئابدۇلئەھەت ئۇدۇن ئەپەندى كونيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  5 يىلدىن بۇيان ئائىلىلىرى  بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيتى قانداق ئۆتتى؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوختۇر ئابدۇلكېرىم ئابدۇلخەمىت ئەپەندى روزى ھېيىتتا دىدار كۆرۈشۈپ ئۆز ئارا ھېيىتلىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما سىن ئېكرانلار ئارقىلىق ھېيىتلاشقانلىقىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيەدە تۇنجى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىدىن قازا تاپقان تۇنجى بىمار ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىمۇ روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئاممىۋىي يوسۇندا ئۆتكۈزۈش چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.