تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.06.16
Uyghur-Heyiti-Turkiye-Nupus-ishliri-idarisi-1.jpg ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە نوپۇس-ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەفىق ئايگۈل ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە. 2022-يىلى 15-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Arslan

15-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت ئەنقەرەگە زىيارەتكە بېرىپ، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ۋە تۈركىيە نوپۇس-ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەفىق ئايگۈل ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەلەپ-ئىلتىماسلىرىنى تاپشۇرغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ قېتىم تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ئەپەندى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇرلارنى تېز پۇرسەتتە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە تۈركىيەگە كېلەلمەي باشقا دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالغان ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەردە تۈرمىلەرگە قامىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈش قاتارلىق 16 ماددىلىق بىر تەلەپنامىنى تاپشۇرغان.

ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە. 2022-يىلى 15-ئىيۇن، ئەنقەرە.
ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە. 2022-يىلى 15-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Arslan

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاكلى بىلەن ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە تۈركىيە نۇپۇس-ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەفىق ئايگۈل ئەپەندى ۋە مۇناسىۋەتلىك بۆلۈم مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە نۇپۇسىغا ئۆتۈش مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركسىتان مەدەنىيەت مەركىزىدە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم باشلىقى گۆكخان ئاكيىلدىز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى كۈتىۋالغان. بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇلار تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى، تۈركىيە ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئومۇمىي ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي، ئىجتىمائىي، ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش نوقتىسىدا ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە نوپۇس-ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەفىق ئايگۈل ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2022-يىلى 15-ئىيۇن، ئەنقەرە.
ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە نوپۇس-ۋەتەنداشلىق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شەفىق ئايگۈل ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2022-يىلى 15-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Arslan

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ ھەممىسىدە، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش، كۈندىلىك ھاياتىدىكى توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، يەنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىقامەت ئالالماي قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلار، بولۇپمۇ ئىسمىغا كود قويۇلۇپ، ‹تېرور كودى› سەۋەبلىك قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلىتىش يولىداتۈركىيەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىش، ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدا بولىۋاتقان تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە مۇزاكىرە ۋە پىكىرلىشىش ئېلىپ بېرىلدى».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ئەپەندى، ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتۈش تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن رەسمىي ئىجرائاتقا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «2019-يىلىدىن باشلاپ ئىستانبۇلدىكى دۇنيا تىجارەت مەركىزىدە تۈرك قان سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت بىناسى ئېچىلدى. ھازىر بۇ ھەقتىكى خىزمەت-پائالىيەتلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئۇ ئىشخانىدا قېرىنداشلىرىمىز بىۋاسىتە بېرىپ نۆۋەت كۈتمەستىن ئىشلىرىنى ئاسانلا بىجىرەلەيدۇ. بۈگۈنگە قەدەر ئىستانبۇلدىكى بۇ ئىشخانىدا 16788 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېجىرىلىدى. بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇزاكىرىگە ئالدۇق، زەيتىنبۇرنۇ-جەۋىزلىباغدىكى نۇپۇس ئىدارىسىدا مەخسۇس بىر بۆلۈم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نوپۇسقا ئۆتۈش ئىلتىماسلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن جىددى خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئۆزلىرىنى خۇددى ئۆز ئۆيلىرىدىكىدەك بىخەتەر ھېس قىلىشى ئۈچۈن، شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا تەشەككۈر ئېيتىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.