تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-12-16
Share

14-دېكابىر كۈنى تۈركىيە مەمۇرىي كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى بەيازىت مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى تەڭ كۆتۈرگەن ھالدا، خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈركىيە مەمۇرىي كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى رەمزى ئۆزمەن ئەپەندى بايانات ئېلان قىلدى.

رەمزى ئۆزمەن ئەپەندى باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشغالى ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرۇۋاتقان بىر يارىدۇر. بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگەن، قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئۆيلىرى ۋە يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىنغان قانداشلىرىمىزنىڭ قىيىن ئەھۋالى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ نەزىرىگە ئېلىنمىغان تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خىتاي زۇلۇمىدىن قاچقان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۆز يۇرتلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ مۇۋەپپەق بولالمايۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي بىر قىرغىنچىلىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن زېمىنى ئىشغال ئاستىدا قالغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشىمۇ چەكلەنمەكتە. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى بىلەن نوپۇس سانى ئازايتىلماقتا.»

رەمزى ئۆزمەن ئەپەندى باياناتىدا يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت غا كۆتۈرۈپ چىقىپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بۇ نامايىشنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەر ۋە نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

شۇنىڭدىن بىر كۈن ئۆتكەندە، يەنى 15-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان ئالپئەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسولخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى

نامايىشقا ئالپئەرەن تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا دېڭىز بويىدىن خىتاي كونسولخانىسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلدى. يولبويى ھەيۋەت بىلەن خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ ماڭدى.

نامايىش جەريانىدا بايانات ئېلان قىلىندى. مەزكۇر باياناتنى ئالپئەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى نائىل گۈن ئەپەندى ئوقۇدى.

نائىل گۈن ئەپەندى باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر زۇلۇملارغا شاھىت بولۇۋاتىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارنى ئېلىپ بارماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئەزان ئوقۇش چەكلەندى، مەسچىتلەر چېقىلدى، مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشى چەكلەندى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا رەسمىي رەقەملەرگە كۆرە بىر مىليون، غەيرى-رەسمىي مەنبەلەرگە كۆرە ئۈچ مىليوندىن كۆپ مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ئىززەت-ئابرۇيى، ئىپپەت نومۇسلىرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمان ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلماندۇر. ئەگەر تۈرك دۇنياسى تۈرك ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركتۇر. ئەگەر ئىنسانلار ئىنسان ئىزدەيدىغان بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىنساندۇر.»

نائىل گۈن ئەپەندى باياناتىدا يەنە تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى. ئۇ «بىز ئالپئەرەن تۈرك ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىختىن بۇيان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمىز،» دېدى.

نامايىش جەريانىدا ياشلار تەرىپىدىن مەشئەل يېقىلدى، خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلاندى. نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ساقچىلار قۇرغان توسۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى. ئەمما بىر قانچە مىنۇتلۇق تىركىشىشلەردىن كېيىن پەسكويغا چۈشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادىل ئىشان بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەتلىك تۈستە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت