ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان: «بىز ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش پارتىيەلەرنىڭ سۈكۈتىنى بوزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-08-25
Share
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان: «بىز ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش پارتىيەلەرنىڭ سۈكۈتىنى بوزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى پروفېسسور دوكتور مۇسا قازىم ئارىجان ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئەتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. مەزكۇر ھەيئەت 25-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور دوكتور مۇسا قازىم ئارىجان ئەپەندى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى ئىتتىپاقداش پارتىيەلەردىن بىرى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتتە «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەزكۇر تەشكىلات بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تارمىقىدىكى ‹ئۈلكۈ ئوجاقلىرى› تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۇق. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تۈركىيەدە يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى ياقلايدىغان بىر سىياسىي پارتىيە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھازىر ھۆكۈمەت بىلەن ئىتتىپاقداش بىر پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ پارتىيەنىڭ چوقۇم خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدۇق. دېنىز گۈزەلاي ئەپەندىمۇ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى. 2021-يىلى 25-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەنقەرەدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دېنىز گۈزەلاي ئەپەندىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بەزى يېڭى قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور مۇسا قازىم ئارىجان ئەپەندى 10-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇلاردىن سىرت تۈركىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى2021-يىلى 7-ئايدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا دوكلات تەييارلاپ، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىغا ئەۋەتكەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇلارنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشقا چاقىرغان ئىدى. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قېتىم ئەنقەرەگە ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسەتلىرىدىن بىرىنىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى 2017-يىلى خىتاي ئۇيغۇرلارنى لاگېرغا قامىغىلى باشلىغاندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئاماللار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت