كورونا ۋىرۇسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئېغىرلاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.03.24
turkiyede-virus-istanbul.jpg ۋىرۇستىن قوغدىنىش كىيىمى كىيگەن خىزمەتچى سۇلتان ئەھمەد مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 21-مارت، ئىستانبۇل.
AP

تۈركىيەدە 11-مارت تۇنجى كورونا ۋىرۇسى بىمارى بايقالغاندىن كېيىن كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ تېز كۆپىيىشى تۈركلەرنى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بەكلا چۆچۈتتى. سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن قوجانىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا بۇ ۋىرۇس ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەممە ۋىلايىتىگە يامراپ بولغان.

تۈركىيە بۇ ۋىرۇس يۇققان كىشى بايقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 15-مارتتىن باشلاپ چېگرالارنى تاقاپ، كىرىپ-چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە باشلىغانىدى. تۈركىيە يەنە مەكتەپلەرنى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، مەدەنىي، تەنتەربىيە كۇلۇبلىرىنى، تىجارەت مەركەزلىرى، چاي ۋە قەھۋەخانىلار ھەم ئاشخانىلارنى بىردەك تاقىدى. لېكىن ئىدارە-ئورگانلارنى، زاۋۇتلارنى تاقىمىغان بولسىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىنى چەكلىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان شىركەت، ئاشخانا خوجايىنلىرى، بانكىلارغا قەرزى بولغان كىشىلەرنىڭ باج تۆلىشىنى كېچىكتۈرۈش، ئىجارە ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش دېگەنگە ئوخشاش تەدبىر قارارلىرىنى ماقۇللاپ ھۆججەت چىقارماقتا. ئۇنداقتا بۇ ۋەزىيەتتىن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، نوپۇسى 70 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتمەكتە؟ ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنىڭ ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ھازىر دۇكانلار تاقىلىپ كېتىپ بازارغا چىقالمىغاچقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىق پەيدا بولۇشقا باشلانغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ۋەزىيەت ئۇزارغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان كونيا شەھىرى 2015-يىلىدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر كېلىپ جايلاشقان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان فوندىنىڭ كونيادىكى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى كونيادا كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە يەر تاقىلىپ، ئىشلەپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتى قالمىغاچقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كونيادا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن ئابدۇقېيۇم ئەپەندى كونيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان فوندى ئۆزىگە ياردەم قىلغان. ئۇ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ياردەم ئېلىش ئىلتىماسى سۇنۇشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2014-يىلىدىن كېيىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچتى. كورونا ۋىرۇسىدىن تۈپەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاشخانىلارنى تاقاش ياكى ئۆيگە تاماق ئاپىرىپ بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا قارار چىقارغاندىن كېيىن بۇ ئاشخانىلار تاقىلىپ قالغان. ئاشخانىلارنىڭ ئىجارە ھەققى بەكلا قىممەت بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قالسا بۇلار قانداق قىلار؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئالىي ئۇستا ئۇيغۇر ئاشخانىسى» نىڭ خوجايىنى ئېلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئاشخانىسىنى تاقاپ قويغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ۋەزىيەت ئۇزۇن داۋاملاشسا قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلار كورونا ۋىرۇس بىمارلىرى ئۈچۈن تەييارلانماقتا. ئۇنداقتا كونا كېسەللەر قانداق قىلار؟ ئىلگىرى بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، بىر بۆرىكى ئالماشتۇرۇلغان ئالىمجان ئەپەندى ئۆ كۈنلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە 83 مىليون نوپۇسقا ئىگە دۆلەت بولۇپ، ھازىر دۆلەت بويىچە كورونا ۋىرۇسىغا قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.