تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار كورونا ۋىرۇسى تەدبىرلىرى ئاستىدا رامزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزمەكتە؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-04-27
Share
istanbul-meschit-jume.jpg ھاسىلىق بوۋاينىڭ رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى يالغۇز كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 24-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
AP

24-ئاپرېل كۈنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇقەددەس ئايلىرىدىن بىرى بولغان رامىزان ئېيى باشلاندى. روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ بەش شەرتىدىن بىرى بولۇپ، مۇسۇلمانلار 30 كۈن روزىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنە، ئەل-يۇرت، دوست-يارەنلەر جەم بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممە كىشى خۇشال-خۇرام روزا ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن، بۇ يىلقى رامزان ئېيى كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيادا يامراپ كېتىپ 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 3 مىليون ئەتراپىدا كىشىنى يۇقۇملاندۇرغان بىر پەيتكە توغرا كەلدى شۇنىڭدەك بۇ رامزان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، كۆپرەك ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئاي بولۇپ باشلاندى. تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى بىر جايغا جەم بولۇپ ئوپچە ئىپتار قىلماسلىققا، ئوپچە تاراۋى نامىزى ئوقۇماسلىققا چاقىردى. ئۇنداقتا رامزان ئېيىنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ كورونا ۋىرۇسىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەر ئېلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى، رامزاننىڭ ئىسلامنىڭ 5 شەرتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسلامدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

روزا تۇتۇشنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ كىشىلەرنى تەقۋا مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىش ئىكەنلىكىنى، تەقۋا مۇسۇلمان بولۇش دېگەنلىك يالغان گەپ قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماسلىق مەدەنىي ئادەم بولۇش دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھازىر كورونا ۋىرۇسى 184 دۆلەتكە يامراپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا. ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى قۇرئانى كەرىمدىمۇ ئەگەر بىرەر ئاپەت يۈز بەرسە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكتە ئىبادەت قىلمىسىمۇ، بىرلىكتە ئىپتارلاشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوپچە ئىپتار زىياپىتى بەرمەسلىكى ۋە ئوپچە پائالىيەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىستانبۇلدا خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بەزىلىرى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ياخشىلانغان بولسىمۇ يەنە بەزىلىرى ئۆز ئۆيلىرىدە كارانتىن ئاستىدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. ئۇنداقتا بۇ خىل بىمارلار ۋە سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلار روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟ ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىسلامدىكى پرىنسىپلار توغرىسىدا توختالدى.

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن، يەنى 27-مارت كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ھەر ھەپتە ئاخىرى 3 كۈن كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزان ئېيى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ياقۇپ قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئىپتار تامىقى يەپ، بىرلىكتە ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەمدى بۇنىمۇ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە ئەنقەرەدە 4 بالىسىنى بېقىپ ئاران تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان كۆچمەن ئۇيغۇر تۇراخۇن ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، قىيىن بىر شارائىتتا رامزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقلارمۇ كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ئېلىنىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئېغىرلاشماقتا. ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇرۇنقى رامزان ئايلىرىدا بىرلىكتە ئىپتار تامىقى يېيىش، ئۆزئارا ئىپتارلىشىش، ئۆزئارا ياردەملىشىش ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشنى ئازايتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل بۇ خىل پائالىيەتلەر چەكلەنگەن بولغاچقا رامزان ئېيىنىڭ قىيىن ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە 11-مارتتىن بۈگۈنگىچە 2900 كىشى كورونا ۋىرۇسىدىن ئۆلگەن بولۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلاندى. دوختۇرلار روزى ھېيتتىن كېيىن تۈركىيەدىكى ھاياتنىڭ نورماللىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت