خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانا خادىمى: «ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىلىپ ئۇزارتىلىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.04.18
istanbul-xitay-konsulxanisi-aldi.jpg خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى.
Public Domain

يېقىندا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت مەسىلىرى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى فۇئات كۆپرۈلۈ نامىدىكى سىنىپتا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 20 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆھبەت يىغىنىدا خىتاي كونسۇلخاناسىنىڭ خادىملىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ئۇزارتىش رەسمىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتىللەردە يۇرتىغا قايتىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم ئۇچۇر بەرگەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، پاسپورتى ياكى ساياھەت پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن. ئەمما ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ پاسپورت ئۇزارتىش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن بۇ ھەقتە قارار كەلگەندىن كېيىن ئاندىن پاسپورتنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

خىتاي كونسۇلخانا خادىمى يىغىندا پاسپورت ئۇزارتماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 پارچە ئۆلچەملىك سۈرىتى بىلەن پاسپورتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى دېگەن.

خىتاي خادىم يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھازىرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتسا ئاۋارىچىلىككە ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە ئېنىق يوليورۇق كەلسە، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى دېگەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرى 2014-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىش ئىشىنى بەكلا قېيىنلاشتۇرىۋەتكەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل دىپلوماتى شى رۇيلىن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كونسۇلخانىلىرىمىز ھازىر پاسپورت ئۇزارتىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ قانۇنىدا چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتى جۇڭگوغا ئەۋەتىلىپ ئۇزارتىلىدۇ. ھەتتا مېنىڭ پاسپورتۇمنى شۇنداق.»

بىز ئۇنىڭدىن «ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارسا پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بەرمەپتىغۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا شى رۇيلىن مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھازىر ئەلچىخانىمىزغا پاسپورت ئۇزارتىدىغانلار ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. رەسمىيەتلەرنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپ ئۇزارتىپ بېرىمىز. جۇڭگو پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلار پاسپورت ئۇزارتىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ئەمما ساڭا ئوخشاش تۈرك پۇقراسى بولغانلار ئىلتىماس قىلالمايدۇ.»

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچقان سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتناشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى مەمەت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك تۈركىي خەلقلەر تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تاشلانغان، چەتئەلدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەيۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىشتىكى مەقسىتى زادى نېمە؟

بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «يۇرتۇڭلارنىڭ ۋەزىيىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئوخشىمايدۇ، ئەگەر يۇرتۇڭلارغا قايتساڭلار ئاۋارىچىلىككە ئۇچرىشىڭلار مۇمكىن» دېگەن. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي كونسۇلىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ 2010-يىلىدىن تارتىپ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باستۇرۇش سىياسىتىنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە دۇنياغا ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2018 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ پاسپورتلىرىنىڭ مۇددىتى توشۇپ كەتكەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.