رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېگەنلىرى نېمىدىن بېشارەت بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.07.03
erdoghan-shi-2019-beyjing.jpg تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دىپلوماتىك سۆھبەتتىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. 2019-يىلى 2-ئىيۇل، بېيجىڭ.
AP

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياپونىيەدە چاقىرىلغان «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 2-ئىيۇل كۈنى خىتايغا بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى.

ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا ھەرقانداق شەخسنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قەتئىي نىيەت بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم پاكىتتۇر» دېگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەر تۈركىيەدە چىقىدىغان «يېڭى چاغ»، «يېڭى ئاقىت» ۋە «ئايدىنلىق» گېزىتلىرىنىڭ 3-ئىيۇلدىكى سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت دە 2-ئىيۇل كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى باياناتىغا ئورۇن بېرىلدى. ئەردوغان، شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكىگە كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەر ساھەدە ئۇزۇن مۇددەتنى نەزەر تۇتقان ھالدا، ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە پىكىر بىرلىكىگە كەلدۇق».

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «يىپەك يولى ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشقان قەدىمكى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن».

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ھەققىدە خىتاينى تەنقىدلىگەن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانىدى. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە بۇنداق يۇمشاپ كېتىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنۇلارنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ شوئارى «قەيەردە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا بىز ئۇلارغا ئىگە چىقىمىز» ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدە بۇنداق خىتاينى قوللاش مەيدانىنى بىلدۈرۈشىنىڭ مەزكۇر پارتىيەنىڭ شوئارىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى كۈن تەرتىپكە كېلىپ، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى، ئىسلامىي دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرىز قىلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا خىتايغا بېرىپ، «شىنجاڭدىكى خەلقلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم پاكىتتۇر» دېگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدىكى ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى قۇتاي قاراجا ئەپەندى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى باياناتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2016-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋە 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى. دىپلوماتىيەلىك قائىدە بويىچە بۇ نۆۋەت خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇنىڭ ئەكسىچە 7-ئاينىڭ 2-كۈنى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.