قاھرامانماراش ۋە يىۋۇ شەھىرى باشلىقلىرىنىڭ دوستلۇق خېتىگە قول قويۇشى قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قاھرامانماراش شەھەر باشلىقى ھايرەتتىن گۈنۇۆرنىڭ تۋىتتېرغا چىقارغان باياناتى.
قاھرامانماراش شەھەر باشلىقى ھايرەتتىن گۈنۇۆرنىڭ تۋىتتېرغا چىقارغان باياناتى.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا كىشىلەرنى قاماۋاتقانلىقىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان ۋە بۇ مەسىلە خەلقئارادا يۇقىرى دەرىجىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىنى دوست شەھەر دەپ ئېلان قىلىش «نىيەت خېتى» گە قول قويۇلۇشى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. 23-ئاۋغۇست كۈنى قاھرامانماراش شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانىسىدا شەھەر باشلىقى ھايرەتتىن گۈنۇۆر ئەپەندى بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوست شەھەر بولۇش نىيەت خېتىگە قول قويۇۋاتقاندا قاھرامانماراش شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قىسىم تۈركلەر بىرلىشىپ، مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇلار قوللىرىدا تۈرك بايرىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە «قېرىنداش قاتىلى بىلەن قانداقمۇ دوست بولىدۇ؟، قاھرامانماراش زۇلۇمغا شېرىك بولما» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سەيپۇللا باياناتىدا 23-ئاۋغۇست كۈنىنىڭ تۈرك تارىخىغا تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىنغان كۈن سۈپىتىدە يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن، يەنى 23-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى قاھرامانماراش شەھىرىنىڭ تۈرك تارىخىغا تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغان كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ. چۈنكى، خىتاي تۈركىيەدە بۇ خىل پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا، سىلەر ئىشىنىدىغان تۈركىيە بىزنى قوللايدۇ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى يوق قىلماقتا. بۈگۈن، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان كىشى پەقەتلا تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغاچقا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىمغا ئۇچرىماقتا. خىتاي چىرايلىق سۆزلىرى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن دۇنيانى ئالداشقا تىرىشماقتا. بۇنداق بىر پەيتتە تۈركىيەنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا تۇنجى پاي ئوقنى ئاتقان سۈتچى ئىمامنىڭ نەۋرىلىرى بولغان قاھرامانماراشلىقلار قېرىنداشلىرىنىڭ قاتىلى خىتاي بىلەن قانداقمۇ دوست بولالايدۇ؟ بىز ۋىجدانلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ۋە ماراش خەلقىنى بۇنىڭغا قارشى چىقىشقا چاقىرىمىز».

قاھرامانماراش شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا قاھرامانماراش شەھەر باشلىقى ھايرەتتىن گۈنگۆر ئەپەندى بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇۋ جىيا ئىككى شەھەر دوست شەھەر بولۇش نىيەت خېتىگە قول قويغان. بۇ دوستلۇقنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك قاھرامانماراش شەھىرى مىللەتچى ۋە دىندار كىشىلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر شەھەرنىڭ خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش نىيەت خېتىگە قول قويۇشتىكى مەقسىتى نېمە؟ شەھەر باشلىقى ھايرەتتىن گۈنگۆر ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شەھەر باشلىقىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئېلخەت يازساق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېلخېتىمىزگە ھازىرغىچە جاۋاب كەلمىدى.

بىراق، بۈگۈن، 26-ئاۋغۇست كۈنى قاھرامانماراش شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇخبىرلارغا يازما بايانات تارقاتتى. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى تاشقى سىياسىتى خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، بىز خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى نەزەردە تۇتقان، شەھىرىمىزدىكى كارخانىچىلارنىڭ خىتايدا سالىدىغان مەبلىغى ۋە تىجارىتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى بىلەن دوست شەھەر بولۇش نىيەت خېتىگە قول قويدۇق. ئىككى شەھەرنى دوست شەھەر دەپ ئېلان قىلىش ئۈچۈن شەھەرلىك پارلامېنت ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىپ قارار ماقۇللىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق تەستىقلىسا بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرگە تارتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز».

تۈركىيەدە 81 ۋىلايەت بار. خىتاينىڭ بۇلارنىڭ ئىچىدىن قاھرامانماراش شەھىرىنى تاللاپ دوست شەھەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قاھرامانماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، قاھرامانماراش شەھىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تېزلا كۈچەيگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ شەھەرگە بەزى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق دەۋاغا زەربە بېرىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى جۈمە كۈنى خىتاي ھەيئەت بىلەن يىغىن ئېچىۋاتقاندا تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى بەزى گېزىتلەرمۇ «دوست بولىدىغان باشقا شەھەر تاپالمىدىڭمۇ؟» تېمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

قاھرامانماراشتىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى مەسئۇللىرىدىن مۇستافا كۆك ئەپەندى قاھرامانماراش خەلقىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل توزاقلىرىنىڭ خەلقنىڭ قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە خىتاينىڭ بۇ قىلىقلىرى قاھرامانماراش خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. خىتاي تۇزاق قۇرۇۋاتىدۇ، تۇزاققا دەسسىگەنلەرمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئەكسى تەسىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، ئەمما ئەكسى تەسىر پەيدا قىلىدۇ».

ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ لىدېرلىرىدىن مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1991-يىلى قاھرامانماراش شەھىرىگە كېلىپ دوكلات بەرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى چوڭ بىر كوچىغا بېرىلگەن. 1996-يىلىغا كەلگەندە قاھرامانماراشتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باغچىسى ئېچىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت