تۈركىيەدە ئېچىلىدىغان «1-نۆۋەتلىك خىتاي تەتقىقات يىغىنى» قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-09-01
Share
تۈركىيەدە ئېچىلىدىغان «1-نۆۋەتلىك خىتاي تەتقىقات يىغىنى» قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىماقتا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى بىنالىرىنىڭ بىرى. 2009-يىلى 31-مارت، تۈركىيە.
AP

ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە لىتۋا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى جەريانىدا بۇ جىنايەتكە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسى تېخىمۇ ئاشكارىلانغان، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تۈرك ئاممىسى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدىڭ دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا «1-نۆۋەتلىك خىتاي تەتقىقات يىغىنى» چاقىرىلىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. بولۇپمۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىچىدە خىتاي ئەلچىخانىسى دىپلوماتلىرىدىن شى رۇيلىن، تۈركىيەدە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان سابىق «ئىشچىلار» پارتىيەسى، يەنى ھازىرقى «ۋەتەن» پارتىيەسىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئادنان ئاقفىرات ئەپەندىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى، كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. شۇنداقلا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەمەس، سىياسىي يىغىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسى مۇدىرى، خىتاي تىلى پروفېسسورى ئەيۇپ سارىتاش ئەپەندىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلىدىغان يىغىن 25-24-سېنتەبىر كۈنلىرى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا كۆپرەك تۈركىيەدىكى خىتاينى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئىشتىراك قىلىدىكەن. بىز بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى ماخمۇت ئاق ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ، تەلەپلىرىمىزنى ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمىغا يەتكۈزگىنىمىزدە ئۇ بىزگە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىدى ۋە

«ھازىر مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىندا، تېلېفون نومۇرىڭىزنى بېرىڭ، بىز سىزگە تېلېفون قىلايلى» دېگەن سۆزنىلا قىلدى.

«كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئىيى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇنىڭ تۈرك خەلقىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن بولۇش ئېھتىمالىنى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈرك ئاممىسىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر پائالىيەت بولۇشى مۇمكىن. خىتاي تۈركىيەدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىز بۇنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىمىز، خىتاي قېرىنداشلىرىمىزغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا نېمىشقا بۇلارغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىسىلەر؟ دەپ سورايمىز. خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاشكارىلىنىپ كەتتى. شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق يوشۇرۇپ بولالمايدۇ دەپ ئويلايمەن».

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى 2017-يىلىدىن بۇرۇن تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارالىغان بولسىمۇ، 2017-يىلى جازا لاگېرى مەسىلىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن «1-نۆۋەتلىك خىتاي تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېىى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە يىغىننىڭ ئىسمى مۇھاكىمە يىغىنى بولسىمۇ، خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز تەشۋىقاتىنى قىلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئاچقان بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈرك ئاممىسى خىتايلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات بەرگەن بىر پەيتتە، بۇنداق بىر يىغىننىڭ چاقىرىلىشىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، تۈرك ئاممىسىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئېچىلىدىغانلىقىنى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يىغىننى توسۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق بىر يىغىننىڭ ئېچىلىدىغانلىقىدىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۆپ ساندا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىئارام بولماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت