ئۆكتىچى پارتىيەلەر: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.05.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ئۆكتىچى پارتىيەلەر: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز» تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كومىسسارى مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرمۇ خىتاينى تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىلەر بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئوتتۇرسىىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى.
تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

1993-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى باشقا سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بۇ توغرىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ۋەتەندۇر. ئەپسۇسكى تېخىگىچە خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا. خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بىز ھەر دائىم تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن دەرھال چىقىپ كېتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز ھەمدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بۇ ھەقتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز. چۈنكى بۇ مەسىلە تۈركىيەمىزنىڭ مىللىي مەسىلىسىدۇر».

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بولغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس چەتئەلدىمۇ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشىماقتا. بۇ ھەقتە بىز تەپسىلىي كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى تەييارلاپ، كىتاب ھالىدا نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتتۇق. بىز بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە پەقەتلا ‹ياخشى› پارتىيەسىلا ئەمەس، كېلەچەك پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوق قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەن رادىيو ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دېمەكچىمەنكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكىچە بىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايمىز».

فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ھەر قانداق سورۇندا، بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. بۈگۈن خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتايدۇ. مەزكۇر ئاتالغۇ خىتايچە بولۇپ، ‹يېڭى زېمىن› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستان قەدىمىي تۈرك زېمىنىدۇر. بۇ تۈرك زېمىنى ھازىر خىتاينىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا تۇرماقتا. مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئاستىدا داد-پەرياد قىلماقتا. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى ئېتىۋېتىپ ئىبادەت قىلىشنى پەقەتلا چەكلىگەن. قىسقىسى خىتاي تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇلارنى ھەر سورۇندا، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز».

«ئىيى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيەدىكى باشقا پارتىيەلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك، خۇدايىم بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزگە نېسىپ بولسا، خەلقئارادا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەركىن ياشىيالىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە سۈكۈتتە تۇرۇش، بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ھېچقانداق بىر تۈرك ئەۋلادى، مۇسۇلمان ئەۋلادى، بۇ زۇلۇم كىمگە قىلىنسا قىلىنسۇن سۈكۈتتە تۇرالمايدۇ. زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇش زۇلۇمغا شېرىك بولغانلىق بولىدۇ. خىتاي ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىمەكتە، بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن باشقا پارتىيەلەر بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەيمىز».

تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. بىزنىڭ تەلىپىمىز خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشىكىنى بىزگە ئاچسۇن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت ئۆمىكى ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە مۇخبىرلارمۇ بارسۇن. لېكىن خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ ھېچكىمنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزمەيۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە قايىل قىلارلىق مەلۇماتمۇ بەرمەيۋاتىدۇ. بىز كېلەچەك پارتىيەسى ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەر سورۇندا داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. ئەمما بىز باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارا سورۇنلاردا قانداق ئوتتۇرىغا قويۇش، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا قانداق ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز».

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، ئىيى پارتىيەسى ۋە كېلەچەك پارتىيەلىرى تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي پارتىيەلەر بولۇپ، قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت