تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان چەكلەش كودلىرى ۋە ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش چارىلىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-11-10
Share
barin-inqilabi-Ahbarat-elan-qilish-yighini-Nuriddin-Izbasar بارىن قەتلىئامىنىڭ 31-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2021-يىلى 5-ئاپرېل، ئىستانبۇل، تۈركىيە.
Photo: RFA

تۈركىيــەدە ياشــاۋاتقان بولسىمۇ تېخــىچە تــۈركىيە ۋەتەنداشــلىقىغا ئۆتــۈپ بولالمىغان بىــر قىســىم كىشىلەرگە تۈركىيە كۆچمەنلــەر ئىدارىســى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىــرى تەرىپىدىــن چەكلــەش كودلىــرى قويۇلماقتــا. بۇ خىــل چەكلــەش كودلىرى قويۇلغان كىشـىلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھەر خىـل قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا. ئىسىم-فامىلىسىگە چەكلەش كودى قويۇلغان بەزى كىشــىلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈچلىــرى تەرىپىدىــن نــازارەت ئاســتىغا ئېلىنىدىغان، ھەتتا تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلىۋاتقان چەكلەش كودلىرى ۋە ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا بىر دوكلات تەييارلىنىپ، يېقىندا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بۇ كودلار 20 تۈردىن كۆپ بولۇپ، G-87 نامدىكى كود قويۇلغانلار «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشىلەر» دەپ قارىلىدىكەن. Ç-137 تۈردىكى كود قويۇلسا، مەزكۇر كىشىنىڭ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. Ç-138 تۈردىكى كود قويۇلغان بولسا مەزكۇر كىشىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشى مەنئىي قىلىنغان بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بۇ چەكلەش كودلىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراۋاتامدۇ؟ چەكلىمە كودلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كودلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ بىز بۇ ھەقيە مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىــل كودلار ھەققىدىكــى مەلۇماتىنـى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنىي جەھەتتىن سـۈزۈك ۋە ئوچــۇق بىــر شــەكىلدە ئۆزىنىــڭ ھەق-ھوقۇقىنــى قوغداشــنى سـەمىگە سـېلىش مەقسـىتىدە بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، بۇ چەكلەش كودلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېخىچە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتمىگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ چەكلەش كودلىرى قويۇلغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ تىجارەت ۋە نورمال تۇرمۇشى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتىكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كود سەۋەبىدىن تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى بۇ كودلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ چارىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كودلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئىككى خىل چارىسىنى تېپىپ چىقتۇق، بۇنىڭ بىرى لوبىيچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قويۇلغان كودلارنى ئومۇمىييۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش. يەنە بىرى بولسا قانۇنىي يوللار ئارقىلىق شۇ كودنى قويۇپ قويغان دۆلەت ئورگانلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش ئارقىلىق كودلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.»

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسمىغا كود قويۇلغان بەزى چەت ئەللىكلەر ۋە بەزى ئۇيغۇرلار ئادۋوكات تۇتۇش ئارقىلىق قانۇنىي يول بىلەن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش نەتىجىسىدە كودلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى ئىسمىغا كود قۇيۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، بىر قىسىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىسمىغا كود قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى بىلەن ھودۇقۇپ كەتمەستىن، ياخشى بىر ئادۋوكات تۇتۇشىنى، كودنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر يول ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ، ئەگەر ئادۋوكات تۇتالمىغان ئۇيغۇرلار بولسا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىلەن ئالاقە قىلسا، ئۇلارنى ئادۋوكات بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىسمىغا چەكلىمە كود قويۇلغان ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئىسمائىل ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىسمائىل ئىسىملىك بۇ ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئىسمىغا چەكلىمە كود قويۇلغان بولۇپ، ئىككى ئاي كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بىر ئادۋوكاتنىڭ مەسلىھەتى بىلەن سوتقا ئەرز سۇنغان، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئىسمىدىكى چەكلىمە كودىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ تەستىقلانغان ۋە ئىقامىتىنى قولىغا ئالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت