كېلەچەك پارتىيەسى: «تۈركىيە خىتاي بىلەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› ئىمزالىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-01-06
Share
كېلەچەك پارتىيەسى: «تۈركىيە خىتاي بىلەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› ئىمزالىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ» تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىشخانىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2020-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سالچۇك ئۆزداغ 5-دېكابىر خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سۆز قىلىپ، خىتاينى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا، شۇنىڭدەك خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىغىچە، تۈركىيەنىڭ «خىتاي-تۈركىيە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تەستىقلىماسلىقىنى، ئەگەر تەستىقلىسا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋابالىغا قالىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

بۇ تۈركىيەدىكى بىر ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان تۈركىيەنىڭ ئەردوغان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئورتاقلىرىنى ئەڭ قاتتىق سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر. سالچۇك ئۆزداغ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن دۇنياغا تېخنولوگىيە ئېكسپورت قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تېخنولوگىيەنى قوللىنىپ، ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قۇرۇشىغا يول قويمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ غايىب بولغان ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە جاۋاب بېرىشىنى، خەلقئارانىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

سالچۇك ئۆزداغ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىنسانلار قەيەردە؟ بىز خىتاي ئەلچىخانىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت رەئىسىگە چاقىرىق قىلىمىز. خىتاي ئىشىكىنى دۇنيادىكى پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، دۇنيادىكى قانۇن ئورگانلىرىغا، سىياسىيونلارغا ۋە مۇخبىرلارغا ئاچسۇن. خىتايغا كىرىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان بولسا، بۇلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش، قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلاش ۋە كۆڭلىمىزدە ئىشەنچ ھاسىل قىلىشنى ئىستەيمىز».

سالچۇك ئۆزداغنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىغىچە تۈركىيە پارلامېنتى «خىتاي-تۈركىيە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى تەستىقلىماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئا ك پارتىيە، يەنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى، پرېزىدېنت ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولغان م ھ پ، يەنى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى باغچەلىنى تۈركىيەدە خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان رادىكال سول پارتىيە- «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى دوغۇ پېرېنچەككە ئەگەشمەسلىككە چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى خىتاي ئۆزىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىغىچە ئۇلار بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىمزالىماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئىمزالىسا ۋابال ئاستىدا قالىدۇ. تارىخ كەچۈرمەيدۇ، مىللەت كەچۈرمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇملارنىڭ ئاھى ئۇلارنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرمەيدۇ. بۇنى بىزنىڭ ئېگىمىز ئاللاھمۇ كەچۈرمەيدۇ. شۇڭا بۇ كېلىشىمنى يىغىشتۇرۇڭ. خىتايغا ئېيتىڭكى، ئىشىكلىرىڭىزنى ئېچىڭ، كۆرەيلى. ھەممىمىز بېرىپ كۆرەيلى، كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بىر مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىدە مەنمۇ، پۈتۈن مەجلىستىكى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرىمۇ بىرگە باراۋەر بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى كۆرەيلى، لاگېرلار بارمۇ-يوقمۇ كۆرەيلى. غايىب بولغان ئىنسانلارنىڭ بىرمۇ-بىر ئىسمىنى چىقىرايلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بۇلارنى تەكشۈرسۇن».

سالچۇك ئۆزداغ تۈركىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كونسۇلخانا ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇنىڭغا چاقىرىق قىلغان تۇنجى تۈرك سىياسىيونى بولدى. ئۇيغۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 21-دېكابىردا باشلانغان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدا قايتا ئەندىشە قوزغاشقا باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقى، خىتاينىڭ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق چاۋۇشئوغلۇنىڭ ۋەدىسى كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىكى نۇرغۇن مۈجمەللىك ۋە بوشلۇق پەيدا قىلغان ئەندىشىلەرگە يېتەرلىك تەسەللى بولالمىغان. بۇ كېلىشىم ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت ئەردوغان تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلغان، لېكىن كېلىشىم تېخىچە تەستىقلانمىغانىدى.

ئامېرىكادىكى تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ كېلىشىمدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىشى تامامەن ھەقلىق ئىكەن. ئامېرىكادىكى «كاتو تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئاكيول بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇق توغرىسىدىكى تەبىرلىرىنىڭ بارا-بارا بىر-بىرىگە ئوخشاپ قېلىشى مەسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپىكەن. مۇستافا ئاكيول 5-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار تامامەن ھەقلىق. چۈنكى، شۇنداق بىر مەسىلە بار، خىتاي ‹بىز تېررورچىلارنى تەلەپ قىلىمىز› دەيدۇ. لېكىن تېررورچى كىم؟ خىتاينىڭ نەزىرىدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ۋە مىللەت توغرىسىدىكى چەكلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى تېررورچى. بۇنداق بىر تېررورلۇق تەبىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىراق مەسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق تەرىپى شۇكى، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭمۇ تېررورلۇق تەبىرى بۇنىڭغا ئوخشاش خالىغانچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىدا بىر خىل ئوخشاشلىق مەۋجۇت. مەن بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىمەن. چۈنكى، تۈركىيەمۇ كىشىلەرنى ئاسانلا تېررورچى، دەپ تامغا باسىدىغان بىر سىياسىي زېھنىيەت ئىچىدە» .

مۇستافا ئاكيول يەنە تۈركىيەدە بۇ كېلىشىمنى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا ھۆكۈمەتكە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ۋە جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بارلىقى، بۇ جامائەت پىكرىنىڭ ئەردوغانغا ئاۋاز بەرگەن بىر قىسىم ئىسلامى قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بىراق پارلامېنتنىڭ بۇ كېلىشىمنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقىغا يەنىلا پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ قارارىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇستافا ئاكيول مۇنداق دەيدۇ: «ئۆكتىچىلەر پارتىيەلەر بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتتىن ھېساب سوراۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتكە ئاۋاز بەرگەن قاتلاملار ئىچىدىمۇ بىر راھەتسىزلىك بار، بۇ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. قىسقىسى، بىر جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بار. مېنىڭ ئۈمىدىم بۇ جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىدە ھۆكۈمەتنى بۇ كېلىشىمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىشىدۇر. زاتەن ھۆكۈمەت، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئەردوغان، چۈنكى تۈركىيەدە ھۆكۈمەت، پارلامېنت دېگەنلەرنىڭ بەك رولى قالمىدى. ئەگەر ئەردوغان جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىغا قاراپ، خىتاي بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمنى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرسە، پارلامېنتتىكى ئا ك پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە م ھ پ شۇنىڭغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە بۇ كېلىشىم كۈنتەرتىپكە قويۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئازراق نەپەس ئالىدۇ».

بىز سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما كونسۇلخانىدىكىلەر تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. لېكىن سالچۇك ئوزداغنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېيتىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلىشىشى كېرەك ئىكەن.

سالچۇك ئۆزداغ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەر ۋاقىت قېرىندىشىدەك مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇ سەۋەبلىك بىز ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە شۇنى ئېيتىمىزكى، خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن سۆزلىشىڭ، خىتاينىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىڭ، ئۇ ئىشىكلەر ئېچىلسۇن، خىتاي بۇ يەردىكىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدە پۈتۈن دۇنياغا بايانات ئېلان قىلسۇن» دېدى.

بىراق مۇستافا ئاكيولنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى بىئارام قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلماقتىكەن. ئۇ، بۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ كېيىنكى يىللاردا «غەربنى دۈشمەن، رۇسىيە بىلەن خىتايدەك دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقداش، دەپ قارايدىغان بىر سىياسىي زېھنىيەتكە ئېسىلىشى سەۋەب بولغانلىقى» نى بىلدۈردى.

مۇستافا ئاكيول: «دېمەككى، تۈركىيە خىتاينى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. بۇ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى قايتا بېكىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 10 يىل ئاۋۋال ئەردوغان خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىراق ئۇ ۋاقىتتا ئەردوغاننىڭ سىياسىي پىكرى پەرقلىق ئىدى. ئۇ تۈركىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى قىلىش يولىدا بولۇپ، ئۆزىنى غەربنىڭ پارچىسى، دەپ قارايتتى. پەقەت مەيلى ئەردوغاننىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقى بولسۇن مەيلى 2016-يىلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن تۈركىيە غەربنى دۈشمەن، رۇسىيە ۋە خىتايدەك دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقداش، دەيدىغان بىر زېھنىيەتكە ئېسىلدى» دېدى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 2017-يىلى ئىمزالانغان «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ مەزكۇر كېلىشىم توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا تەستىقلىنىشى تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىكى ئەندىشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ قايتا دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت