خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەلەپنامە سۇندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-01-11
Share
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ئۇيغۇرلار توغرىلىق تەلەپنامە سۇندى ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى مۇستافا شەنتوپ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سۆزلەشتى ۋە تەلەپ سۇندى. 2021-يىلى 8-يانۋار، ئىستانبۇل.
Photo: RFA

8-يانۋار جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق 5 كىشىلىك گۇرۇپپا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى ۋە تەلەپنامە سۇندى.

بۇ كۆرۈشۈشكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، ئادىل مۇھەممەدئوغلى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت قاتناشقان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «جىنايەتچىلەر» نى قايتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، بۇ كېلىشىمنىڭ مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولسۇن، مەيلى روھىي جەھەتتىن بولسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇلار تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسنىڭ رەئىسى ھۆرمەتلىك مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىمدىن مەزكۇر كېلىشىمنامىنىڭ مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئاۋازغا قويۇلماسلىقى ياكى توختىتىپ قويۇلۇشىنى جىددىي تەلەپ قىلغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خاتىرجەم قىلىش، ئۇلار ئۈستىدىكى روھىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنى ئازايتىش، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتە يېزىلغان مەخسۇس ئىلتىماس تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەئىسىگە تاپشۇرۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىزباسار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇچرىششتا يەنە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دوكلاتى» نىڭ سۇنۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇپ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىىنى ئەسكەرتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مۇستافا شەنتوپ ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى، ئالغان قەدەملىرىنى ۋە سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا شەرتسىز ھالدا تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتۈش ھەققىنىڭ بېرىلىشى ۋە خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇلۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە بىر قىسىم ئىجابىي جاۋابلارنى بەرگەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش» كېلىشىمىنىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇلار يەنە تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستېرلىقى، تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرلىقى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئورگانلىرى بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت