قاھرامانماراشتىكى خەلقئارالىق يىغىندا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق روھى» تونۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر» ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشقۇچىلار. 2020-يىلى 11-فېۋرال، تۈركىيە.
«ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر» ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشقۇچىلار. 2020-يىلى 11-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

11-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان قاھرامانماراش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىدا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا قاھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق روھى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن.

ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەش تارىخى مۇساپىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق روھى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئەتراپلىق توختالغان. ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز دوكلاتىنىڭ مەزمۇنلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئۇيغۇر مىللىي روھى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىن بۈگۈنگىچە بولغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىپ، يىغىن ئەھلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى مەۋجۇت مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە قىلغان.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بىر قىسىم بۇرۇن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئەللەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئىشتىراك قىلىپ دوكلات بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا مولدوۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈركىي مىللەت گاگائۇزلارنىڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، شۇنىڭدەك پەلەستىن، يەمەن، بوسنىيە، لىۋىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىمۇ بار ئىكەن.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل قاھرامانماراشنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، بۇ شەھەر 1920-يىلى فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىدىن ئازاد قىلىنغان، ئەنە شۇ 100 يىللىق خاتىرە مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شەھەردە تۈرلۈك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر يىغىنمۇ ئەنە شۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

قاھرامانماراشتىكى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سەيپۇللا قەشقىرى يىغىننىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش تارىخى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس باشقا ئەللەر ۋەكىللىرى ھەتتا تۈرك ئاڭلىغۇچىلارنىڭمۇ ئالىمجان بۇغدانىڭ دوكلاتى ئارقىلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، قاھرامانماراشتىكى مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تارىخىي مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تۈركىيەدە ئېچىلغان «ئىسلام دۇنياسى» مەسىلىلىرىگە ئائىت يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئانچە ئورۇن بېرىلمەيتتى. ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلارغا ئۇچراش ئەھۋالى خەلقئاراغا كەڭ بىلىنىشكە ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلىشكە باشلىدى.

قاھرامانماراش تۈركىيەنىڭ مۇستافا كامال ئاتاتۈرك رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ئۇرۇشى تارىخىدا مۇھىم سەھىپە ياراتقان ۋىلايەت بولۇپ، مەزكۇر ۋىلايەتنىڭ ئازاد بولۇشى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. قاھرامانماراشنىڭ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 45 كۈندىن بۇيان ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. قاھرامانماراش شەھىرىنىڭ باشلىقى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولۇش توختامنامىسىگە قول قويغانلىقى ئۈچۈن تۈرك خەلقىنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت