مۇستافا دەستىچى: «تۈركىيە خىتايغا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىمىساڭ ساڭا ئېمبارگو قويىمەن دېيىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-02-17
Share
مۇستافا دەستىچى: «تۈركىيە خىتايغا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىمىساڭ ساڭا ئېمبارگو قويىمەن دېيىشى كېرەك» تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي ئېكەر ئەپەندى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى مەزكۇر پارتىيىنىڭ مەركەز بىناسىدا قوبۇل قىلدى. 2021-يىلى 17-فېۋرال، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان ۋە تۈرك خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن مېھمانخانىدا نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بەزى پارتىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ دەردىنى ئاڭلاتماقتا.

17-فېۋرال كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئالىي ئېكەر ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەسىنىڭ مەركەز بىناسىدا قوبۇل قىلدى. مۇستافا دەستىچى ئەپەندى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇردى.

ئۇ، تەلەپ-پىكىرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال خىتايغا «لاگېرلارنى تاقىۋەت» دېيىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە خىتايغا بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقا. ئەگەر تاقىمىساڭ مەن ساڭا ئېمبارگو قويىمەن دېيىشى كېرەك. باشقا ساھەلەردە، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتىمۇ خىتايغا بىرنەرسە دېيىشى كېرەك. تۈركىيە بەزى ۋاقىتلاردا خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ، بۇنى تۈركىيە ئىزچىل ھالدا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق ھالدا بۇنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق».

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى شەھەرلىرىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر قوللىرىدا ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش قىلماقتا. ئەنقەرە ۋە قەيسەرىدىكى نامايىشلار ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇداخىلە قىلىنغان بولسىمۇ ئىستانبۇلدىكى نامايىش زىمىستان قىشقا قارىماي ئىزچىل ھالدا داۋام قىلماقتا. ئەنقەرەدىكى 10 نەپەر ئۇيغۇر ياش مۇستافا دەستىچى ئەپەندىگە بىر-بىرلەپ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋاللىرىنى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لاگېر قۇربانلىرىدىن نەچچە ئادەم بار، نەچچە ئائىلە بار بۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خىتاي دۆلىتىدىن ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىدىن سورىشى كېرەك. بۇلار تۈركىيە پۇقراسى، بۇلارنىڭ ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېردا ئىكەن، ئىز-دېرىكىنى بېرىڭلار دېيىشى كېرەك. سىلەرنىڭ تەلەپلىرىڭلارنى، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا يەتكۈزىمەن، شۇنداقلا ھەل بولغۇچە يول ماڭىمەن».

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى 3-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشقا باشلىغان بولۇپ، نامايىشنىڭ 5-كۈنىدىن تارتىپ ساقچىلار ئۇلارنى توسۇۋەتكەنىدى. ئۇلار ھازىر ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقايسى پارتىيەلەرگە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ دەردىنى ئاڭلاتماقتا. ئۇلار بۇ زىيارەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئىلگىرىلەشلەرگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە توختالدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت 16-فېۋرال كۈنى سائادەت پارتىيەسىنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىرىگە دەردلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئۆتكەن يىلى 18-دېكابىر ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلە نۆۋەتتە» تۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. پائالىيەت 3-فېۋرال ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتى «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. پائالىيەتكە گېرمانىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆپلەپ لاگېر قۇربان يېقىنلىرى ئاۋاز قوشقان بولۇپ، «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت