10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-02-18
Share
10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلغان «كېلەچەك» پارتىيەسى كونيا شەھەرلىك ياشلار ياچېيكىسىنىڭ رەئىسى ئوسمان باشاران ئەپەندى ۋە لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە توپلانغان ئىمزالارنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ھەمدە پارلامېنتتىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللەرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. 2021-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن توپلانغان 10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا «كېلەچەك» پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇنىڭغا ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، 13-يانۋار كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئىمزا يىغىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، «جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇشقا كىرىشكەن ئىدى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ 420 كىشىلىك ئىمزا يىغىلغان بولۇپ، بۇ ئىمزالارنى 17-فېۋرال كۈنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ، «كېلەچەك» پارتىيەسى كونيا شەھەرلىك ياشلار ياچېيكىسىنىڭ رەئىسى ئوسمان باشاران ئەپەندى ۋە لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە ھەمدە پارلامېنتتىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللەرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىمزالارنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز كونيا ۋىلايىتىدىن 10 مىڭ 420 ئەتراپىدا ئىمزا يىغىپ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسىگە، تۈركىيە پرېزىدېنتىغا، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە ۋە سايلامغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىگە بولغان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرگە ئەۋەتىپ بەردى. بىز تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نىڭ بىكار قىلىشىنى، شۇنداقلا تۈركىيە پارلامېنتنىڭ بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىماسلىقىنى چاقىرىمىز.»

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختاتمىچە، بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەركىن دۇنياغا بۇ زۇلۇملارنىڭ توختىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچە، بىز بۇ مۇجادىلەمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ئىمزالاردىن كېيىن خۇدايىم بۇيرىسا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باشقا بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەر دېگەن ئۈمىدتىمىز. بىز ۋىجدانلىق ۋەتەنداش ۋە ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيەدىكى بارلىق سىياسەتچىلەرنى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى، ئاخبارات ئورگانلىرىنى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز.»

ئىمزا توپلاش پائالىيىتى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھرىدە باشلانغان بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا يىغىلغان. ئىمزا يىغىش پائالىيىتىگە مەسئۇل بولغان ياش سىياسەتچى ئوسمان باشاران ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىر ئاي ئىچىدە 10 مىڭ 420 ئىمزا يىغدۇق. مەقسىتىمىز ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› نى پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەسلىكتۇر. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. پارتىيەمىزنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ‹ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نېمە دەردى بولسا ئۇلارغا ياردەم قىلىڭلار› دەپ بىزگە يوليورۇق بەردى. ئەگەر ‹جىنايەتچىلەرنى ئۆز ئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى› پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ قالسا، ئۇنى توسۇش ئۈچۈن پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز نامايىش قىلىمىز.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابلەت ئۇدۇن ئەپەندى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 10 مىڭ 420 ئىمزا يىغىلغانلىقىنى، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرى قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەخمەت كەمال ئەرئوزان ئەپەندىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ تېلېفون ئارقىلىق مۇنداق ئۇچۇر يوللىدى. «تېخى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگىمۇ كەلمىدى.»

«كېلەچەك» پارتىيەسى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەقپىنىڭ كونيا شۆبىسى 13-يانۋار كۈنى بىرلىكتە باشلىغان بۇ پائالىيەتنىڭ تۇنجى ئىمزاسىنى سابىق باش مىنىستىر، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت