تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت دا ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-02-23
Share
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ب د ت دا ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن تەشكىلاتىدا يىغىندا. 2018-يىلى 18-دېكابىر، جەنۋە.
REUTERS

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دوكلاتلارنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلاردا بايان قىلىنغانلار بىزدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىمىزنى ۋە كۈتكەنلىرىمىزنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمىز. بۇ توغرىلىق خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

ئۇ، سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھەيئەت ئەۋەتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھەيئەت ئەۋەتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. خىتاينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىزمۇ رايونغا ھەيئەت ئەۋەتىمىز».

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنگە كەلگەندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇنداق بىر بايانات بېرىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھەيئەت ئەۋەتىش پىلانىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۈدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىشى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى گەرچە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا بەرگەن باياناتى گەرچە يۇمشاق بولغان بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھەيئەت ئەۋەتىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھەيئىتى خىتايغا قاتتىق شەرتلەرنى قويۇپ بارسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 2019-يىلى 25‏-فېۋرال كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا خىتاينى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا چاقىرغانىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2019‏-يىلى 9-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەنىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 يىل ئىچىدە 5 قېتىم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت