تۈرك دۇنياسى «بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتى» دىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
3-قېتىملىق «تۈرك دۇنياسىنىڭ گېئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 22-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
3-قېتىملىق «تۈرك دۇنياسىنىڭ گېئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 22-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Azigh

3-قېتىملىق «تۈرك دۇنياسىنىڭ گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ ‹بىر يول-بىر بەلۋاغ تۈرى› گە نەزەر» ناملىق يىغىندا، خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىنى «قەرز قىلتىقى» غا چۈشۈرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، تۈرك دۇنياسى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر يول بىر بەلۋاغ سىياسىتى» دىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرىلدى.

22-فېۋرال تۈرك ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى ۋە تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 3-قېتىملىق «تۈرك دۇنياسىنىڭ گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ تۈرىگە نەزەر» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۈرك ئوچاقلىرى ئىستانبۇل شۆبىسىدە غەلىبىلىك ئىچىلدى. مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-نۆۋەتلىكى 18-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئىدى.

يىغىنغا تونۇلغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك زىيالىيلىرى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

يىغىن ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشى بىلەن باشلاندى. تونۇلغان تۈرك زىيالىيسى پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور راگىپ كۇتاي كاراجا، پروفېسسور ئەكرەم باراك ئارېكئوغلى ۋە دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق زىيالىيلار يىغىنغا قاتناشتى ۋە لېكسىيە بەردى.

پروفېسسور ئەكرەم باراك ئارىكئوغلى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى، نوپۇس قۇرۇلمىسى، دۆلەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئامىللار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى چىرىكلەشتۈرىۋاتقانلىقى، سىياسىي جەھەتتىن قەرز قىلتىقىغا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن قىرغىزىستاننى تەسىرى ئاستىغا ئىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پروفېسسور ئەكرەم باراك ئارىكئوغلى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرلىشى» تۈپەيلى خەتەردە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۆزىنىڭ يىپەك يولىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىجارىي يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بۇ خىل دۆلەتلەرگە قەرز بېرىۋاتىدۇ. قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت باشقۇرغۇچىلىرى ئالغان قەرزىنى خاتا ئۇسۇلدا قوللاندى. دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىكى خادىملىرىغا پارا بېرىلدى، قەرز پۇلىغا خىيانەت قىلىندى.»

كەينىدىن راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندىم خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى» ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قاتارلىق لايىھىلەر ۋە قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

راگىپ كۇتاي كاراجا ئەپەندىم بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ لايىھە پەقەت ئادەتتىكى بىر ئىقتىساد لايىھەسى ياكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرلىشى ئەمەس. بۇ لايىھەنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت، سىياسەت، تاشقى سىياسەت، ئىقتىساد ھەممە تەركىب مەۋجۇت. شۇڭا ئىنتايىن ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك.»

كەينىدىن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق يىغىندا يىپەك يولى بويىدىكى يەر جاي ناملىرى توغرىسىدا سۆزلىگەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم، بۇ قېتىملىق يىغىندا كروران شەھىرىنى مىسالغا ئىلىپ «يىپەك يولىدىكى يەر ناملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى-كروران، لولەن ئەمەس» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەردى. لېكسىيەدە دوكتور پەرھات ئەپەندىم كونكرېت مىساللار ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى پاكىتلىق ھالدا ئىزاھلاپ ئۆتتى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن يەر ئىسىملىرى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. مەن بۇ جەھەتتە ھەم تۈركىيەدىكى ئاكادېمىك خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ۋە بەزى خاتالىقلارنى تۈزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىننىڭ بىرىنچى قىسمىدا بۇ تېمىنى تاللىغان. كېيىنكى يىغىنلاردا ھەر پائالىيەتتە بىر يەر نامىنى مىسالغا ئىلىپ بۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەقسىتى يەنىلا ۋەتىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ.»

بىز 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «پۇل مۇئامىلە ئاساسىدىكى يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكى ۋە شەرقى تۈركىستاندا زۇلۇم» نامىدا لېكسىيە بەرگەن تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى مەرۋە شەبنەم ئورۇچ خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

شەبنەم ئورۇچ خانىم «خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەغلۇبىيىتىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «‹بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرلىشى› تېخى پۈتمىدى. خىتاي بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. تۈگىگەندە تېخىمۇ ئېنىق بىلىمىز. تېخى تۈگىمەي تۇرۇپمۇ خىتاي ئېتنىك قىرغىنچىلىق قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ‹بىر يول بىر بەلۋاغ لايىھىسى› دىكى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تېخىمۇ سەزگۈر ھالەتكە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، خىتاينى بۇ مەسىلىدە قىستاش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر يەرگە ئىلىپ كېلىش. بۇنى قىلمىساق ھېلىغۇ شەرقىي تۈركىستان ئىكەن، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 3/2 سى خىتاينىڭ جاھانگىرلىكىگە تەسلىم بولىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۇنيا سىستېمىسىدىن مەمنۇن ئەمەس، بىراق بۇنىڭ ئورنىغا خىتاي باشقۇرىدىغان سىستېما دەسسىمەسلىكى كېرەك.»

ئىگىلىشىمىزچە، 154دۆلەتتە 548 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بولۇپ، يېرىمىدىن كۆپرەكى «بىر يول، بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1070 خىتاي سىنىپى بار بولۇپ، 46 مىڭ 200 ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن. 57 دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا خىتاي تىلى دەرس سۈپىتىدە ئۆتىلىدىكەن. تۈركىيەدە بولسا 5 كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار بولۇپ، نەۋشەھەردە يەنە بىرى قۇرۇلۇش ئالدىدا ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاكادېمىك ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» لايىھىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مۇستەقىل ئاكادېمىك ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يىغىن كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىنتايىن غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت