كەمال قىلىچدارئوغلۇ: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.04.16
كەمال قىلىچدارئوغلۇ: «بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتنىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. 2021-يىلى 16-ئاپرېل.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىنى ئەنقەرەدىكى پارتىيە مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن، بولۇپمۇ لاگېرلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، پارلامېنتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

16-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى نامەتجان مەمەت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا بىر پارچە يازما تەلەپ خېتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلانغان بىر يۈرۈش دوكلاتنى سۇندى، شۇنداقلا كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ بەزى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەمال قىلىچدارئوغلۇدىن «سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاڭلىتىلغانلارنى ئاڭلىدىڭىز، ئۇلار سىزدىن كۈتكەن تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى پۈتۈن مەدەنىي دۆلەتلەر سەزگۈردۇر. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى مەلۇم دۆلەتلەرنىڭلا مەسىلىسى ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسىدۇر. قەيەردە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى بولسا ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك ۋە بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك».

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچدارئوغلۇ ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدۇق ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا ئۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرغىلى بولمايدۇ».

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىم كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەھبەرلىرىگە مەخسۇس ۋاقىت ئايرىپ، قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ كەمال قىلىچدارئوغلۇغا بىر پارچە يازما تەلەپ خېتى بىلەن بىر يۈرۈش دوكلات سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرەدىكى يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نامەتجان مەمەت ئەپەندى، كەمال قىلىچدارئوغلۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغانلىقىنى، ھەر قايسى پارتىيە ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا بولغان «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پارتىيە تۈركىيەدە ئۇزۇن ۋاقىتلار ھاكىمىيەت باشقۇرغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.