تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.07.15
bir-belwagh-bir-yol-yighini-erdoghan-shi-toxtam.jpg (ئىككىنچى رەت ئوڭدىن سولغا) تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە قول قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 13-ماي، بېيجىڭ.
AFP

تۈركىيە پارلامېنتىغا يوللانغان ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلاردا خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئۆمەر فەرۇق گەرگەرلىئوغلى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئەركان ئاكچاي ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق نۇقتا بولدى.

ئۆمەر فەرۇق گەرگەرلى ئوغلىنىڭ «50 مىليارد دوللار ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ساتتىڭلار» دېگەن سۆزىگە قارىتا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئەركان ئاكچاي «قانداق قىلىمىز، خىتايغا قارشى ئۇرۇش ئاچامدۇق؟» دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىپادىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق تەنقىدلەنگەن.

10-ئىيۇل كۈنى «ئىيى» پارتىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق بىسىم، زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە كېرەكلىك تەدبىرلەرنى بەلگىلەش مەقسىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىغا يوللىغان تەكشۈرۈش لايىھىسى 3-قېتىم ئاق پارتىيىنىڭ رەت قىلىشى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىسى سەۋەبلىك رەت قىلىندى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان ژۇرنالىست سەدا سەفا ئەپەندىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە كۈنتەرتىپكە كېلەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ تۇرۇپمۇ، يېتەرلىك دىققەت تارتالمايۋاتىدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېتەرلىك ئورۇن بېرىلمەيۋاتىدۇ. ھەتتا كۆپىنچە ئاخبارات قۇرۇلۇشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىقىنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخبارات بېسىمى بىلەن ھۆكۈمەت كۆز يۇمۇۋالغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ كۆز يۇمۇۋالىدۇ. ئاخباراتقا ئەكس ئەتمىگەن مەسىلىلەر دۆلەتتە كۈنتەرتىپكە كەلمەيدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى پەقەت ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالدى. مەسىلىگە بولغان ئىنكاس ئىنتايىن ئاجىز. مەدەنىيەت جەھەتتىن، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىگە بولغان ھوشيارلىقىمىز تېخىچە پىشىپ يېتىلمىدى. ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە يېتەرلىك دىققەت تارتالمايۋاتىدۇ. كىشىلەر مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلالىغانلارمۇ سىياسىي سەۋەبلىرى تۈپەيلى ئاۋازىنى چىقارمايۋاتىدۇ. زۇلۇمغا بولغان پوزىتسىيەنىڭ بوشاڭلىقى ۋە ئىنكاسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە.»

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مۇنازىرىدە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ سامسۇڭ مىللەت ۋەكىلى بەدرى ياشار ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋالغانلىقى تۈپەيلى قاتتىق تەنقىدلىگەن بولۇپ، بەدرى ياشارنىڭ تەنقىدىگە جاۋابەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئەركان ئاكچاي: «ياشار ئەپەندىم، ئەتە 40 كىشى خىتايغا بېرىپ ھۇجۇم قىلامدۇق؟ تەييارلىقىڭىز بارمۇ؟» دېگەن. ياشار جاۋابەن: «39 كىشى لازىم» دېگەن. ئەركان ئاكچايمۇ ھۇجۇم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەركان ئاكچاي مۇنازىرە داۋامىدا يەنە «ھېچكىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جاھانگىرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ۋە قۇتراتقۇلۇق مەسىلىسىگە ئايلاندۇرالمايدۇ، ئايلاندۇرۇشىغا رۇخسەت قىلمايمىز.» دېگەن.

ئۆكتىچى پارتىيە دەۋرىدە ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاق پارتىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىدىن كىيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن توختاپ قىلىشى كۆزەتكۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تاراتماقتا. ئەنقەرە ئادۋوكاتلار بىرلىكىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەمىل چېچەك ئەپەندىم مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ سۈكۈتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئاق پارتىيەنىڭ كىچىك شېرىكى، ئاق پارتىيەگە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىمۇ قارشى ئاۋاز چىقىرالمايدۇ. كۈچ كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇنىڭغا يېقىنلىشىش بولىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلىقتا بۇنداق بولماسلىق كېرەك. مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ئادەم بۇنداق بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشەنگىنى بۇ ئەمەس. مۇسۇلمان بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئىنسان بولۇش يېتەرلىك. ھەرقانداق بىر ئىنسان بولۇۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاسسىز قالالمايدۇ.»

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئاق پارتىيە ھەمكارلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرى ۋە ئەندىشىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغاۋاتقان پەيتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى تۈرك خەلقى ئىچىدىمۇ قاتتىق نارازىلىققا سەۋەب بولماقتا.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە كىشىلەر مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئاق پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش لايىھەسىنى رەت قىلغانلىقى ۋە پارلامېنتتىكى نامۇۋاپىق پوزىتسىيەسى تۈپەيلى ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ مىللەتچىلىك ۋە ئۈممەتچىلىك سىياسىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى سايلام تەشۋىقاتىدا كوزىر بولۇش ھالىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ژۇرنالىست سەدا سەفا ئەپەندىم مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ھەقىقەتەن 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە مەزكۇر مەسىلىگە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىلىرى ۋە تەكشۈرگۈچىلەر قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. تۈركىيەدە ئۆكتىچىلەر ۋە ھۆكۈمەت بېشىدىكىلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ نېگىزىنى ۋە مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ. ھەتتا تۈركىيە ئۆز ئىچىدە يۈزلەرچە ‹مەھەللە› لەرگە بۆلۈنگەن. ئىدېئولوگىيىلىك مەھەللىلەر، سىياسىي مەھەللىلەر ۋە پەرقلىق ئېتنىك مەھەللىلەر بار. كۆپىنچىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى پەقەت ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. تۈركىيە ھېسداشلىق قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتىن ئاجىز بىر دۆلەت. كىشىلەر بېشىغا بالا كەلمەي تۇرۇپ، ئۆيى يانماي تۇرۇپ ئوت كەتكەنلىكىنى پەرق قىلالمايدۇ. ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەلەر ۋە ئۆكتىچىلەر مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا ئىچ سىياسەتتە كوزىر بولالايدىغانلىقى ياكى بولالمايدىغانلىقىغا قارايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، قانۇنسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ۋە چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىنمايۋاتىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.