ب ب پ رەئىسى مۇستافا دەستىچى: «خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرسۇن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-08-20
Share
on-ana-derdi-mustafa-destichi-1.jpg تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر ئانىنىڭ دەردىنى ئاڭلاتماقتا. 2020-يىلى 19-ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

19-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30 دا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى پارتىيە مەركىزىدىكى زالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 10 نەپەر ئۇيغۇر ئانىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى. مەزكۇر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇستافا دەستىچى ئالدى بىلەن 10 ئۇيغۇر ئانىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى، ئاندىن مۇخبىرلارغا بۇ ھەقتە بايانات بەردى. خىتاينىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۈركىيەگە ئەكېلىپ بېرىشكە چاقىردى.

ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 71 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستانلىق ئانىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئولتۇرۇپتۇ. 1949-يىلىدىن تارتىپ 71 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا تۇرماقتا. مۇستەقىل بىر دۆلەت خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا زوراۋانلىق بىلەن بېسىۋېلىندى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز 71 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىم، تەن جازاسى، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۇچار بولماقتا. مەن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ بۇ بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە، تەن جازاسى، زوراۋانلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەرگىز يوشۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ بۇ رەزىل سىياسىتى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاندى.»

مۇستافا دەستىچى ئەپەندى ئاخبارات باياناتىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە يۈز مىڭلىغان ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئون نەپەر ئۇيغۇر ئانا ھازىر بۇ يەردە. ئەنقەرەگە كېلەلىگەنلەر بۇ يەردە. تېخى بۇ ئانىلارغا ئوخشاش مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئانىلار بار. بۇ ئانىلار كۆز يېشى تۆكۈۋاتىدۇ، پەرياد چېكىۋاتىدۇ. بۇ ئانىلىرىمىز نېمىشقا يىغلاۋاتىدۇ؟ بۇ يەردىكى 10 ئانىنىڭ 22 پەرزەنتى شەرقىي تۈركىستاندا قاپتۇ، ئۇلارنى تۈركىيەگە ئەكىلەلمەيۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەن. ئۇ يەردە ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچراۋېتىپتۇ. مەن بۇ يەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قويۇپ بېرىڭلار. بۇ بىگۇناھ ئانىلارنى يىغلاتماڭلار.»

يىغىننىڭ ئاخىرىدىكى سوئال-جاۋاب قىسمىدا «سىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللاپ كېلىۋاتىسىز. بۇ ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بۇ ئانىلارنىڭ ئىلتىماسىنى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە يەتكۈزىمەن. قولۇمنى كەلگەن ياردەمنى قىلىمەن.»

10 نەپەر ئۇيغۇر ئانا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بالىلىرىنىڭ تىزىملىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىلتىماسىنى سۇندى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز مىكروفونىمىزنى ئۇيغۇر ئانىلارغا ئۇزاتتۇق. قەلبىنۇر خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ يولدىشىدىن ۋە بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى، يېقىندا بىر بالىسىنى خوتەندىن يوللانغان سىن-كۆرۈنۈشتە كۆرگەنلىكىنى، خوتەندە ھېچقانداق تۇغقانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭدىن قارىغاندا بالىلىرىنىڭ لاگېردا بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى.

قەلبىنۇر خانىم قەشقەر ۋىلايەتى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئۇ خىتاي ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە پاسپورت بېرىپ، ئەمدىلىكتە جازالاۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيەلىك يوللار بىلەن ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

10 نەپەر ئۇيغۇر ئانىنىڭ 22 پەرزەنتىنى تۈركىيەگە ئەكىلىش ئۈچۈن 6 ئايدىن بۇيان پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەنقەرەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرگە دەردىنى ئېيتقاندىن سىرت، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ بالىلىرىنى ئەكېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە بەزى مەلۇماتلارنى بەردى.

ئەنۋەر ئەپەندى ئاتا-ئانىلىرى تۈركىيەدە، كىچىك بالىلىرى ۋەتەندە قالغان بۇنداق ئائىلىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بالدۇرراق بالا-چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان مۇخسىن يازىجىئوغلۇ باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. مەزكۇر پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى چىققاندىن كېيىنمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە ئۆز پارتىيەسىدە كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.