تۈركىيەدىكى «ستار» ۋە «مىللەت» گېزىتلىرىنىڭ لاگېرلارنى ئاقلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.08.22
turk-muxbirlarning-uyghur-rayonidin-korgenliri.jpg تۈركىيەدىكى بىر قىسىم مۇخبىرلار ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن «ئايدىنلىق» گېزىتىگە چىقىرىلغان خەۋەر. 2019-يىلى 28-ئىيۇل.
aydinlik.com.tr xewiridin süretke élin’ghan

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا تۈركىيەنىڭ «مىللەت»، «ستار» ۋە رادىكال سولچى ئىدىيەدىكى «ئايدىنلىق» گېزىتلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى بەلگىلەنگەن مەسچىت، بازار، تەرەققىيات رايونى، ئىسلام ئىنستىتۇتى ۋە «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان شۇنداقلا دائىرىلەر يەنە مۇخبىرلارنى ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، مۇخبىرلارنى ئۇنىڭ ئۆيىدە سۆھبەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 2‏-ئايدا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئۆلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىدۇر. مەزكۇر زىيارەت تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇ قېتىم زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 3 گېزىتنىڭ ئىچىدىكى «مىللەت» بىلەن «ستار» گېزىتىنىڭ ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى مەلۇم. بۇ گېزىتلەر شۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدا ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە رايوندىكى خەلقلەرنىڭ بېسىمسىز، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر مەسىلە تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى

لاگېردا يېتىپ چىققان شاھىتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قامىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە «مىللەت» ۋە «ستار» گېزىتىدەك تاراتقۇلارنىڭ خىتاينى ئاقلاپ، «بۇ ئۇچۇرلارنىڭ رېئاللىقنى ئەكس-ئەتتۈرمىگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈشى بەزى تۈرك جامائەت ئەربابلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.

تۈركىيەدىكى تونۇلغان ناخشىچى بۈنيامىن ئاقسۈنگۈر ئەپەندى يۇقىرىقى گېزىتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىگە باھا بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشىنىڭ بىر «تىياتىر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى ‹ئايدىنلىق› گېزىتى بولسۇن، مەيلى ‹مىللەت› گېزىتى بولسۇن، خىتايلار تاللىغان مۇخبىر-ژۇرنالىستلارلا تەكلىپ قىلىندى. بۇنىڭ ھەممىسى تىياتىر. ‹ئايدىنلىق› گېزىتى بېرىپ، ئۇ يەر گۈل-گۈلىستانلىق، چېچەكلىك ئىكەن دېسۇن. توغرا، بەلكى بەزىلەر ئىشىنىشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ئۇلار ۋەزىپىسىنى توغرا ئورۇندىغان بولسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى يازغان بولسا بولاتتى. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھېچقانداق يەرگە ئەركىن بارغىلى بولمايدۇ. خىتاي ئۇلارغا كۆرسىتىشنى خالىغان يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹ساباھ›، ‹ستار›، ‹مىللەت› ۋە ‹ئايدىنلىق› گېزىتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر زېھنىيەتتىكى گېزىتلەردۇر.»

لېكىن ئاقسۈنگۈر بۇ زىيارەت خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا زىيارەت ئېلىپ باردى. بۇ زىيارەت قانچىلىك ھەقىقىي ۋە رېئال بولىدۇ، بۇنى سىزنىڭ باھايىڭىزغا ھاۋالە قىلدىم. ئەمما ئۇ يەرگە بارغان مۇخبىرلارنىڭ كۆرگەنلىرىنى يېزىشى نورمال. چۈنكى ئۇلار خىتاي كۆرسەتكەننى كۆردى. ئۇلار ئابدۇرېھىم ھېيت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە نېمە دېيەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە ئولتۇرغان بىر خىتاي خادىمى بار. شۇڭا مەن كۆرگەنلىرىم ھەرقانچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئىجابىي قارايمەن. چۈنكى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.»

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە تۈركىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى ئىجابىي باھالاپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئىغۋاسى» دەپ تەنقىدلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. «يار شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، «مىللەت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گۆكخان قاراتاش «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى غەرب تاراتقۇلىرىدا ئېيتىلغاندەك ئەمەسلىكى» نى تەكىتلەپ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تىلىنى ئىشلىتەلەيدىكەن، ھېچكىم ئۇلارنى تىلىڭنى ئىشلەتمەيسەن، دېمەپتۇ» دېگەن. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە «ستار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى شەرىف ئەگەمەن ئەخمەتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «تۈرك خەلقى شىنجاڭ مەسىلىسىدە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرىدە قالدى»، «ئۇلار تارقاتقان سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق»، «بۇ يالغان خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى 1970‏-يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بۆلگۈنچى گۇرۇھلار» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ گېزىتلەرگە تېلېفون قىلىپ، مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ گېزىتلەر تېلېفونىمىزنى ئالاقىدار كىشىلەرگە ئۇلاپ بەرمىدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ھوقۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مىللەت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى گۆكخان قاراتاش ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە چىقىشنىڭ ھارپىسىدا ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەن. ھامىتخان كۆكتۈرك گۆكخان قاراتاش ئالاقىلەشكەن پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ گۆكخان قاراتاشنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا «BBC دەك خەۋەر ئىشلەيدىغانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ناچار خەۋەرنى شۇنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈردى

ھامىتخان كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە تۈرك خەلقىنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارشى كۈچلۈك بىر نارازىلىق بار ئىكەن. ئۇ تۈرك خەلقىدىكى بۇ نارازىلىقنى يۇمشىتىش ئۈچۈن «مىللەت»، «ستار»، «تۈركىيە» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا دائىر ئىجابىي خەۋەرلەرنى بېرىۋاتقانلىقى، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن بۈنيامىن ئاقسۈنگۈرنىڭ قارىشىچە، خىتاي قانچىلىك پەردازلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ھېچكىمگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابلىكىم كەلكۈن دېگەن دوستۇم بار ئىدى، ئۇ قىزىنىڭ تويىنى قىلىشقا بارسا تۈرمىگە تاشلىدى. مۇختەر بۇغرانى تۈرمىگە تاشلىدى. تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان بىرمۇنچە سەنئەتچىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ قانداق تېررورلۇق جىنايىتى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرىدە قانداق كەسىپنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى (خىتاي) ھېچكىمگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.»

خىتايدىكى تاراتقۇلار تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭ «شىنجاڭ خەلقى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىنرەك بەزى تۈرك دىپلوماتلار خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە تۈزىتىش بېرىپ، ئەردوغاننىڭ سۆزى خاتا تەرجىمە قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ «شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ سۆزىنىڭ خاتا تەرجىمە قىلىنغانلىقىغا ھېچقاچان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى ئاشكارا تۈزىتىش بېرىپ باقمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.