خالىس ئۆزدەمىر: «تۈركىيە شەرقى تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا ئېنىق قويۇشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-09-24
Share
vizyon-programmisida-xalis-ozdemir.jpg «يېڭى ئاكىت» تېلېۋىزىيەسى ۋىزيون پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2020-يىلى 10-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Azigh

«يېڭى ئاكت» تېلېۋىزىيەسى ۋىزيون پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى، تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر 20-سېنتەبىر BNC Medyada خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۈچ خىل تىلدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان بولۇپ، ئوچۇق خەتكە «دۇنيادا تىنچلىق ۋە دوستلۇق ئىزدەيمىز» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

خالىس ئۆزدەمىر يىغىۋېلىش لاگېرى قۇربانلىرى ئائىلە يېقىنلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ۋىزيون پروگراممىسى ئارقىلىق تۈرك جەمئىيىتىگە يېقىندىن تونۇتۇپ كېلىۋاتقان تۈرك ژۇرنالىستلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدىلا «يېڭى ئاكت» تېلېۋىزىيەسى ۋىزيون پروگراممىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مەزمۇن قىلىنغان 4 پروگرامما ئىشلەنگەن.

خالىس ئۆزدەمىر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللىغان مەكتۇپىدا خىتاي رەئىسىدىن ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولغان، دۆلەتكە ماس كەلمىگەن سىياسەتلەرنى تۈزىتىشىنى، ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالىلار سولانغان جازا لاگېرلىرىنى تىز سۈرئەتتە تاقىشىنى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەھدىت دەپ قارىشىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي رەئىسىگە تۆۋەندىكىدەك سوئال قويغان: «سىز نېمىگە ئاساسەن 30 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار دەپ قارىلىۋاتقان بىر مىللەتنى شۇنچە چوڭ دۆلىتىڭىزگە تەھدىت ۋە خەتەرلىك دەپ قارايسىز؟ دۆلىتىڭىزدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئىچىدە دېڭىزنىڭ تامچىسىدەك بولغان مۇسۇلمانلار ئوت بولسا نېمە بولماقچى؟ بۇنچىلىك ئاز پىرسەنتنى ئېگەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ دۆلىتىڭىزگە قانچىلىك زىيىنى بولماقچىدى؟»

تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسىگە يازغان مەكتۇپىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «دۇنيا 21-ئەسىرگە ئازابلار بىلەن بىرگە كىردى. خىتاينىڭ ئاخىرقى 10 يىل مابەينىدە شەرقى تۈركىستاندا ئېغىرلاشتۇرۇلغان ۋەزىيەتنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. خىتاينىڭ ئىشغال قىلغان تۇپراقلىرى دەپ قارالغان شەرقى تۈركىستان تۇپراقلىرىدىكى 30 مىليون خەلقىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. كېلەچەكتە ھەم خىتايدا ھەم شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھىمىلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇمنىڭ خىتاي باشقۇرغۇچىلىرى ۋە دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئاڭلىق شەكىلدە كۆزىتىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئېيتىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ زۇلۇمنى توختىتىشى دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشتۇر. ئەگەر خىتاي دۇنيادا تىنچلىققا ۋە دوستلۇققا ھەسسە قوشايلى دەپ ئويلىسا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنغان زۇلۇمدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ۋاز كېچىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە كەچۈرۈم سورىشى ۋە پۈتۈن مال دۇنياسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. بىز مەكتۇپتا يۇقىرىقى مەقسىتىمىزنى ئېنىق ئېيتتۇق.»

خىتاينىڭ تۈرك دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىم مەكتۇپىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقات كۈچىنىڭ رېئاللىقنى يوشۇرۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدە تۈزەتكىلى بولمايدىغان ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت ئۇرۇقىنى چاچماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

تونۇلغان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۈركىيە خەلقى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىشكە باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە تۈرك خەلقىنىڭ كۈنتەرتىپىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. پەقەت تۈركىيەلا ئەمەس، مۇسۇلمان دۇنياسىمۇ بۇنى كۆرۈشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇغىلى بولمايدىغان دۈشمەنلىكنى بەرپا قىلىش نىيىتى بولمىسا، بۇ سىياسەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تۈگىمەس بىر دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چىچىشنى خالىمىسا، دۇنيادا خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئاساستا پائالىيەت ئىلىپ بارالىسۇن دەپ ئويلىسا، شەرقى تۈركىستاندا ئىلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىشى كېرەك. ئاقىۋەتتە كىشىلەر ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولمىغان مەسىلىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىنكاس بىلدۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭ دۇنيادا تىنچلىققا ۋە دوستلۇققا پايدىسى بولمايدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىمنامىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە دائىم خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەكىتلىمەسلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. بىز خىتاي دۆلەت رەئىسىگە ئوچۇق خەت يازغان خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىمدىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىگە ئىشىنەمسىز؟» دەپ سوئال سورىدۇق. خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن ئاۋۋال خىتاي سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. خىتاي ئۈچۈن تۈركىيە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئورتاقتۇر. يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى تۈركىيەدۇر. يىپەك يولى قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ تىجارەت ھەجمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈچۈن مۇھىم ئۇتۇقتۇر. بۇ ئۇتۇق خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن ھەقىقىي دوستلۇق ۋە ھەقىقىي مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇمغا ئۇچرىسا، تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلار بۇنى بىلىپ تۇرۇپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت قۇرالمايدۇ. دىپلوماتىيەدە بىرىنچىدىن، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا ئېنىق قويۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە ئاخباراتچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلققە بۇ جەھەتتە مەلۇمات بېرىشىمىز ۋە دېموكراتىك ھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. زۇلۇمنى بىلىپ تۇرۇپ بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى ھەم بيۇروكراتلىقىدىن شىكايەت قىلىپ كەلمەكتە. تاكسىم مەيدانىدا مايكىلىرى تەتۈر كىيدۈرۈلگەن ۋە ئەنقەرەدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى «قۇلاقنى يوپۇرۇۋېلىش» سىياسىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى «تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سەزگۈرلۈكىنى يېتەرلىك دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «يېتەرلىك دەپ قارىمايمەن. مەسىلە شۇكى، تۈركىيەدىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ تېخىچە كۈتكىنىمىزدەك سەۋىيەدە مەلۇماتىنىڭ بولماسلىقىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ تەخىرسىزلىكى تېخىچە جەمئىيەتكە ئېنىق ئەكس ئەتمىدى. جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى بىرمۇ-بىر يەتكۈزۈش لازىم. جەمئىيەتكە ئېنىق ۋە توغرا مەلۇمات يەتكۈزۈش لازىم.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىسىم ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى كۈندىن كۈنگە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە دېموكراتىك دۆلەت سىياسەتچىلىرىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان ئادەتتىن تاشقىرى يېقىن مۇناسىۋىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.