شەنئەل سويتۈرك: «مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن كىتاب يېزىشقا كىرىشتىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.10.06
sejdidiki-dua-sherqiy-turkistan.jpg تۈركىيەنىڭ بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى شەنئەل سويتۈرك ئەپەندى يازغان «سەجدىدىكى دۇئا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابنىڭ ئالدى-كەينى مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولغىنىدەك تۈركىيەدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئېغىز ئەدەبىياتى، سىياسىي ۋەزىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارمۇ ۋە يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرمۇ كۆپەيمەكتە. تۈركىيەدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى شەنئەل سويتۈرك ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ، يېقىندا ئۇ يازغان «سەجدىدىكى دۇئا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان مەزكۇر ئەسەر 250 بەت، كىرىش سۆز، 16 ئۇيغۇرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ۋە خاتىمە قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىرىش سۆز قىسمىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بېرىلگەندىن كېيىن 16 ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى بايان قىلىنغان.

تۈركىيەنىڭ قارابۈك ۋىلايىتى، سافرانبولۇ شەھىرىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شەنئەل سويتۈرك ئەپەندى يازغان «سەجدىدىكى دۇئا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب تۈركىيە ئەنقەرەدە نەشرىدىن چىققان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن ئېغىر ۋەزىيەتنى بىلگەندىن كېيىن كىتاب يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تۈركىيە خەلقىگە ھەم ھۆكۈمىتىگە چۈشەندۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، كىتابىدا 1949-يىلىدىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ 16 شەخسنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلغان.

ئاپتور ئۆز كىتابى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرا چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى يېزىش پىكرى مەندە 4-5 يىل بۇرۇن پەيدا بولدى. شەرقىي تۈركىستانلىق بىر قېرىندىشىمىز 5 يىل بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتقا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشكە باشلىدىم. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننى بىلەتتۇق، لېكىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىر ئىش قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلىناتتۇق. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن بۇنداق بىر كىتاب يېزىشقا باشلىدىم. كۆپ يىل ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ كىتابنى يازدىم».

شەنئەل سويتۈرك مۇئەللىم كىتابنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن كىتابنى نېمە ئۈچۈن يازغانلىقىمنى بايان قىلدىم. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان تارىخى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۆھپە قوشقان، ئىز قالدۇرغان 16 كىشىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى بايان قىلدىم».

بىز «سەجدىدىكى دۇئا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، تۈركىيەنىڭ ئاۋازى راديوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، كىتاب توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 70 يىللىق تارىخىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«سەجدىدىكى دۇئا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق كىتابنىڭ يېزىلىشىغا پىكرى جەھەتتىن ياردەم قىلغان مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى تۈركىيە پۇقراسى بولغان 16 كىشىنى كىتابقا تاللاشتىكى ئۆلچەم توغرىسىدا توختالدى.

كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بارغان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە مەرھۇم گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھايات-كەچۈرمىشلىرى ۋە تۆھپىلىرى ئاڭلىتىلغان ماقالە ھەم كىتابلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ كۆپ ساندا كىشىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان مۇنداق كىتاب نەشر قىلىنىپ باقمىغانىدى. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تاجىگۈل خانىم كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتى توغرىسىدا توختالدى.

كىتابتا ئاپتور شەنئەل سويتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ بايان قىلغاندىن سىرت، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرغان. قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان ئەركىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

ئاپتور شەنئەل سويتۈرك ئەپەندى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن سىرت، ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىمۇ ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم خىتايغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.