قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەتلەر قاتارىدا تونۇشتۇرۇلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.10.11
Turkiye-qarabuk-universiteti.jpg تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى.
Social Media

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان قارابۈك شەھىرىدىكى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان مامۇتجان ئەركىن، خەيرىگۈل ئابلىز قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا بۆلۈم ئېچىپ شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مامۇتجان ئەركىن ۋە خەيرىگۈل ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مامۇتجان ئەركىن 10-11-ئۆكتەبىر كۈنلىرى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ مەخسۇس بۆلمە ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 55 مىڭ ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بار ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت ھازىرقى ۋەزىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. مامۇتجان ئەركىن ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان بۆلۈمىنى قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلغان. مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئۇلارغىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شەنول ئەپەندى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ 3 يىلدىن بۇيان مامۇتجان ئەركىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بايان قىلدى. 

قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان تاجىگۈل ئابلىز ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي بېسىۋالغاندىن كېيىن ئاپتونومىيە دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 

10-11-ئۆكتەبىر كۈنلىرى قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 15 ئەتراپىدا دۆلەت تونۇشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.