تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى «شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇر تۈركلىرى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ(ئوڭدا) ئەپەندى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى بىلەن. 2015-يىلى، سىۋاس، تۈركىيە.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلىرىدىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ(ئوڭدا) ئەپەندى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى بىلەن. 2015-يىلى، سىۋاس، تۈركىيە.
Yurter Özjan ependining Twitteridin élin’ghan

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنقەرە تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى.

9-ئۆكتەبىر تۈركىيەدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇر تۈركلىرى: تارىخ، كىملىك ۋە سىياسەت» ماۋزۇلۇق دوكلاتنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلات «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيىسى، خەلقئارالىق ئامىللارنىڭ رولى، تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، يېقىنقى ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە دۆلەت ھالقىغان پائالىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» قاتارلىق تېمىلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر تېما تەپسىلىي مەزمۇنلار بىلەن يورۇتۇلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا «تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2019-يىلى 23 دۆلەت ئىمزا قويغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قېلىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويمىغان. 2020-يىلىمۇ 39 دۆلەت بىرلىشىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بىرلەشمە باياناتتىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىمزاسى يوق،» دېگەن بايانلار ئالاھىدە يەر ئالغان.

دوكلاتتا يەنە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا يەنە نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ پرېزىدېنتى بولغان ئەردوغاننىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ يۇمشاپ كەتكەنلىكى، ھەتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋەكىلى يۇرتەر ئۆزجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيە پۇقراسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەر (ئۇيغۇرلار) دىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئەسلىدە بىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەسىلىلەردە بالدۇرراق بىر قارارغا كېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك ئىدى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «2009-يىلى رەجەپ تاييىپ ئەپەندى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى رەسمىي ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق›، ‹ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش› دەپ زۇلۇمغا قارشى چىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىش تۈگۈل، بىر ئېغىز تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ. ئاق پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يىللىق سودا سوممىسى بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىدى، 2018-يىلغا كەلگەندە 23 مىليارد دوللارغا چىققان. تۈركىيە ئىقتىساد جەھەتتىن ئاجىزلىشىپ، چەتئەل مەبلىغىغا ئېھتىياجى ئاشقانسېرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيە ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش پارتىيە بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارىتىيەسى شەرقى تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ.»

13-ئۆكتەبىر مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دەۋلەت باغچەلى پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، جۇمھۇرىيەت خەلق پاتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەزگىلدە (سايلام مەزگىلىدە) ج خ پ نىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى تاسادىپىي ئەمەس. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ج خ پ ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدە يول كۆرسىتىش، مەسلىھەت بېرىش، ئەيىبلەش ۋە ياكى بۇيرۇق بېرىش سالاھىيىتى يوق. ئۇلار (ج خ پ ) موسكۋا بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ۋاقىتتا، بىز مەزلۇم تۈركلەرنىڭ دەردلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ دەردى دەپ بىلەتتۇق. ‹تۇران› بىرلىكى ۋە تۈركلەرنىڭ زەپەر قازىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتۇق. نىشانىمىز ئۆزگىرىپ قالمىدى. ھازىرمۇ ئاشۇ ئىرادىمىز بار. بۇ نىشان بىزنىڭ غورۇرىمىز. ج خ پ كىم؟ شەرقى تۈركىستاننى قوغدايدىغانلار كىملەر؟»

دەۋلەت باغچەلى نۇتقىدا ج خ پ نىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى سايلام ئۈچۈن ئوينىغان بىر ئويۇن دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. ئۇ يەنە «كېلەچەك» پاتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى سۇئاللىرىنىمۇ «شاۋقۇن-سۈرەن» دېگەن.

10-ئۆكتەبىر «كېلەچەك» پاتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزىنىڭ پارتىيە يىغىنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا تۈركىيەنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغان ئاق پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش پارتىيەسى بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ نېمىشقا سۈكۈت قىلغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن قوزغىلىۋاتساق، سەن (ھاكىمىيەتتىكى پاتىيە) نېمىشقا كۇرد پۇقرالىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ھەپىلىشىسەن؟ بىزگە ۋارقىرىغان ئاۋازىنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كەلگەندە تۇتۇلۇپ قالىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى بىزگە ئۆگەتكەن ئەيسا يۈسۈپ ئالتىكىننىڭ ئامانىتىگە نېمىشقا ئىگە چىقمايسىلەر؟ ‹سەمىمىي› مىللىيەتچى دوستلار، نېمىشقا قوللىغان پارتىيەدىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقايلى، دەپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلمايسىلەر؟ ھۆرمەتلىك باغچەلى ئەپەندى، دۆلەت ئىچىدە پەرقلىق پىكىر قىلغانلارغا تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەيىڭىزنى نېمىشقا دۆلىتىمىز، قېرىنداش بىلگەن دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە قارشى كۆرسەتمەيسىز؟ بىزگە قارشى مۇئامىلىڭىز شۇنداق قوپال، ئەمما خىتايغا قارشى نېمىشقا شۇنداق يۇمشاق ۋە ھەتتا ئۈن چىقارماستىن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇۋالىسىز؟»

يۇرتەر ئەپەندى داۋۇتئوغلىنىڭ ناھايىتى توغرا سوئاللارنى سورىغانلىقىنى، لېكىن باغچەلىنىڭ خۇددى ج خ پ نىڭ دوكلاتىنى تەنقىدلىگەنگە ئوخشاش داۋۇتئوغلىغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باغچەلى تۈنۈگۈنكى نۇتقىدا مەخسۇس بىزنىڭ دوكلاتنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىزنى تەنقىدلىدى. لېكىن ئۆزى بىز ئوتتۇرىغا قويغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قانداق پىكرى بار، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پوزىتسىيەسى نېمە؟ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېمىدى.»

يۇرتەر ئەپەندى ئاخىرىدا «ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە ج خ پ ھاكىمىيەتتە بولغان بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللىغان، خىتايغا قارشى چىققان دۆلەتلەرنىڭ 40-سى بىز بولاتتۇق، ھەتتا باشقا ئىتتىپىاقداشلىرىمىزنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقان بولاتتۇق،» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت