تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-26
Share
Fahrettin-Yoqush-2018-uyghur-mesilisi.jpg تۈركىيەدىكى «ئىيى» (ياخشى) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىردى. 2018-يىلى 14-دېكابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى 21-ئۆكتەبىر كۈنى بىردەك قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى، شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنى «ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» نى ئىجرا قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشى بىلەن چېتىشلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىشى تۈركىيەدىكى سىياسەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە كۆپ ساندا تور گېزىتلىرى «كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ جاكارلىدى، ئىسلام مەملىكەتلىرى قىلالمىغاننى كانادا قىلدى» تېمىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ «تۈركىيە نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ كانادا پارلامېنتىدىن بۇرۇن بۇنى تۈركىيە پارلامېنتى قىلىشى كېرەك ئىدى؟ كانادا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېدى ئىسلام دۆلەتلىرى قەيەردە قالدى؟» دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەققىيات بولۇپ، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قارارلار چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا زور پايدىسى بار. كانادا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن كېيىنلا بۇنى ئېلان قىلدى. بۇ بۇندىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەدىمۇ ئوخشاش قارارنىڭ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمدى كانادا پارلامېنتىدىكى ئوڭچى ۋە سولچى پارتىيەلەرمۇ كانادا ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەتكە بۇنى ئىجرا قىلدۇرالىسا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن سىياسىتىمۇ ئۆزگىرىدۇ دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇنى غەرب ئەللىرىگىمۇ يېيىشقا تىرىشسا ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى 2019-يىلى تۈركىيە پارلامېنتىغا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش» تەكلىپىنى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەتتىكى ئاق پارتىيە بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن رەت قىلىنغان ئىدى. كانادا پارلامېنتىدىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇنداق بىر قارار چىقىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى خاقان چاۋۇشوغلۇ ۋە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت ئەزالىرىدىن پاكىزە مۇتلۇ ئايدەمىر خانىم، رادىيە سەزەر قاتىرچىئوغلۇ خانىم ۋە مەلىھە ئاقيول خانىملارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىدى.

ئارقىدىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇنى جاكارلىشى زور ئىلگىرىلەش ۋە ياخشى ئىش. بىز بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىغا قايتىدىن ئېلىپ كېلىمىز. بۇنىڭدا چاتاق يوق، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە سۈكۈتتە تۇرۇشى بىز تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە تۈركىيە 39 دۆلەت بىلەن بىللە بىرلەشمە مەكتۇپقا ئىمزا قويۇشى لازىم ئىدى. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مەنپەئەتىنى دەپ بۇنداق قىلىشى ئەيىب بىر ئىش، چۈنكى ئۇ يەردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ‹ياخشى› پارتىيەسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتتا قايتا ئوتتۇرىغا قويىمىز.»

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئۆمەر فارۇق گەرگەرلىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتى بۇنداق بىر قارار ئېلان قىلمايدۇ، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتۇر. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ قولىدا، ئۇلار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ئېلان قىلمايدۇ ۋە قىلغىلىمۇ قويمايدۇ.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا تۈركىيەنىڭمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر قارار ئېلان قىلىش ياكى پارلامېنتتا بىر كومىتېت قۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان تۇنجى غەرب ھۆكۈمەت ئورگىنىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.