تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.11.22
Sherqi-Turkistan-Jumhuriyetliri-Muhakime-Yighini-2019-Turkiye-01.jpg تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2019-يىلى 22 نويابىر. كونيا، تۈركىيە.
RFA/Arslan

22-نويابىر، يەنى جۈمە كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەپ، مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

كونيا تىجارەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننى «ئىنسانىي مەدەنىيەت ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى» نىڭ كونيا شۆبسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. يىغىن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 19:00 دا باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» ئوقۇلدى. ئاندىن «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى» كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن، «ئىنسانىي مەدەنىيەت ھەرىكىتى» كونيا شۆبىسىنىڭ رەسى ئادەم جەيلان ئەپەندىلەر ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى. 

بۇ مۇھاكىمە يىغىننىڭ كېيىنكى داۋامىدا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات تەقدىم قىلدى. 

قاھرامانماراش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بوغدا دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدا قۇرغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مەزگىللەردە مۇھىم رول ئوينىغان تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دوكتۇر ئالىمجان بوغدا سۆزىدە تاتار ئالىمى ئىسمائىل غاسپىرالى باشلىغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ «تىلدا، ئىشتا ۋە پىكىردە بىرلىك» دېگەن تەشەببۇسىنىڭ 1930-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىشلەتكەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىغا تەقلىد قىلىپ لايىھەلەڭەنلىكىنى بىلدۈردى. 

دوكتور ئالىمجان بوغدا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىرىدە يېتىشىپ چىققان ئالىملارنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركسىتاندا ئىمام بۇخارى، تېرمىزى، ئىبىن-سىنا، فارابى، سەككاكى، مەخمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق نۇرغۇنلىغان بۈيۈك ئالىملار ۋە مۇتەپەككۇرلار يېتىشىپ چىققان. ئەپسۇسلىنارلىقى بىز بۇ جۇغراپىيەنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز. بىزنى خىتايلار تارىخىمىزدىن، كېلىپ چىقىش يىلتىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇردى، بىر-بىرىمىزگە ياتلاشتۇق. تارىخىمىزنى ياخشى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن كۆپلىگەن ئورتاق ئىشلاردا بىر-بىرىمىزنى چەتكە قاقتۇق، بىر-بىرىمىزگە يات كۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق. ئەسلىدە مەيلى غەربىي تۈركىستان بولسۇن ياكى شەرقىي تۈركىستان بولسۇن، ھەممىسى بىزلەرنىڭ ئاتا يۇرتىمىزدۇر.» 

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان تارىختا ھونلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار چوڭ دۆلەتلەرنى قۇرغان بىر جۇغراپىيەدۇر. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزنىڭ زېمىنى دەپ داۋا قىلىۋاتىدۇ، ئەمما تارىخقا قارايدىغان بولساق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. قەدىمى تارىخ بويىچە شەرقىي تۈركىستان نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يافەسنىڭ زاماندىن باشلاپ تۈركلەرنىڭ زېمىنىدۇر. قىيامەت كۈنىگىچە تۈركلەرنىڭ بولۇپ قالىدۇ.» 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئالىمجان بۇ يىغىندىكى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن غەربىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخى ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى، ھەر ئىككى جۇغراپىيەنىڭ ئومۇمىي تۈركىستاننىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان تۇپراقلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم 1944-يىلى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يىقىلىشى شۇ دەۋردىكى تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن يىقىلىشىغىچە بولغان جەرياندا قانداق رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە ئەينى دەۋردە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن يىقىلىشىغىچە بولغان جەرياندا قانداق سىياسىي مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىگە ئارىلاشقانلىقىنى پاكىتلىق ماتەرىياللار بىلەن بايان قىلغان.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم دوكلاتىدا ستالىننىڭ ئەينى دەۋردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە ئېيتقان بىر قىسىم سۆزلىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ھۆججەتلىك مەنبەلەر بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى» كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرلەش بويىچە بۇ يىغىننىڭ كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن تۈنجى قېتىملىق يىغىن ئىكەنلىكىنى، يىغىن جەريانىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلەپ سوئال سوراپ، يىغىن كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.