تۈركىيە پارلامېنتىدىكى خامچوت مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.11.26
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم دىپلومات ئاخمەت كەمال ئەرئوزان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021-يىللىق خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 24-نويابىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ھەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ كېيىنكى يىللىق خامچوتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021-يىللىق خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى، پېشقەدەم دىپلومات ئاخمەت كەمال ئەرئوزان ئەپەندى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى «ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۇر يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا سۈرىيە، ئەزەربەيجان قاراباغ، پەلەستىن ۋە شىمالىي سىپرۇس مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توغرىسىدا توختالغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن: «قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، 21-ئەسىرنى ئاسىيا دۆلەتلىرى شەكىللەندۈرىدۇ دېگەن ئوي-پىكىر بىلەن ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز بىر تەرەپتىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكىمىز بولغان خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرىشساق، يەنە بىر تەرەپتىن قان قېرىندىشىمىز بولغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن تەڭ-باراۋەر، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىدەك مەسىلىلەرنى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا سورۇنلاردا ھەم ئوتتۇرىغا قويدۇق. مەسىلەن، 10-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 75-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. خىتايدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئەخمەت كەمال ئەرئوزان ئەپەندى سۆز ئېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىدى دەپ ئەيىبلەپ، مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارادا ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن دۆلەت ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قېيلىنىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇ ھەقتە توختالدى. ئۇ يەرلەردە دېيىش ئاسان، لېكىن بىز سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېگەنلىرىڭلارنى تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا كۆرەلمەيۋاتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىيالمايۋاتىدۇ.»

خامچوت مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنىڭ يىغىن خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا 24-نويابىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى خېلى كۆپ پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان رەھبەرلەردىن سوئال سورالغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىلقى خامچوت مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇرۇنقى يىللاردىكىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بەرگەن. بۇلار نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، مەزكۇر مەسىلىنىڭ قانچىلىق نازۇك ۋە مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنداقتا، 2021-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە قانداق بولىدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا، خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت يېتەرلىك بولمىسا، 2021-يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدە چوقۇم مۇھىم ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇدىكى ئىبىن-خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى بۇ، 2021-يىلىدا تۈركىيە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدەك خىتاينى ئوچۇق ئاشكارا ئېيىبلاش ئىھتىمالىنىڭ زور ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا 4 پارتىيە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى پارلامېنتتىكى 2 ئۆكتىچى پارتىيە تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.