تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ جىددەدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالدى


2019.11.29
Mewlut-Chawushoghli-2019.jpg مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالغان.
Social Media

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالغان.

ئۇ نۇتۇقىدا قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنلارنى چاقىرىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بۇ ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ كونكىرېت نەتىجىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەن: «روھىنگالىقلار، كەشمىرلىكلەر، ئۇيغۇرلار، سېپرۇسلۇق تۈركلەر، غەربىي تىراكىيادىكى ئاز سانلىق تۈركلەر، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھەمدە ئاز سانلىقالرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىمىزنىڭ ۋەزىپىسىدۇر،» دېگەن.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 25-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش كۈرەشلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا كۆز قاراشلىرىنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش تۈركىيەنىڭ ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 

تۈركىيە 2019-يىلى 5-ئايغىچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگە دۆلەت ئىدى. مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك ئەگەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەزىپىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش بولغان بولسا، ئۇنداقتا تۈركىيە ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى زادى قانچىلىك قوغدىدى؟ 

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى يوشۇرۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى خەلقتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا رەسمىي سىياسىتى يوق. تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىزدىن باشقا پارتىيەمۇ يوق. ھازىر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان ۋە كومۇنىست ئىدىيەسىنى ئىلگىلى سۈرۈۋاتقان پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولسا خىتايدا جازا لاگېرى يوق دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلىمۇ بۇ ھەقتە تۈزۈك بىر ئىش قىلمىدى. ئۇنداق ئىكەن، قانداقمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بۇ ھەقتە تەسىر كۆرسىتەلىسۇن؟»

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھازىر دەرھال بايانات بېرىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياكى ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئىنسانىي جەھەتتىن بۇ ھەقتە بايانات بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈتتە تۇرىۋالدى. بىز ‹ياخشى› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغان مىليونلىغان تۈرك بار. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە كەڭ كۆلەمدە ھەم ئەتراپلىق ئاڭلىتالماسلىقتۇر.» 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، ھەتتا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە خىتاينى قوللايدىغان پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى قىلدى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، گەرچە بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر مۇسۇلمان خەلق ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، د ئۇ ق ۋە باشقا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار كۆپ قېتىم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلاتلار سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلمەي كەلمەكتە. كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە بارغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى كېيىنكى كۈنلەردە ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھېسسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇندىن 50 يىل بۇرۇن، يەنى 1969-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر 57 ئىكەن. تۈركىيە مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغان كۈندىن بۇيان ئەزا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.