تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.12.01
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 13-يانۋار.
REUTERS

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 27-نويابىر كۈنى نىگېر پايتەختى نىئامېيدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 47-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان.

ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە چاۋۇشئوغلۇ يىغىندا پاكىستاننىڭ 15-مارت كۈنىنى «ئىسلامىفوبىيەگە قارشى كۈرەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قىلغان سۆزىدە ئېزىلگەن مۇسۇلمان خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن باشقا بىز ئۇيغۇرلار، روھىنگانلار، شىمالىي سىپرۇس تۈركلىرى ۋە گېرىتسىيەدىكى تۈرك مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرى، جاممۇ كەشمىردىكى قېرىنداشلىرىمىز، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار ۋە باشقىلارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ھەققىدىمۇ سۆزلىشىمىز كېرەك.»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى دېموكراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پېشقەدەم دىپلومات ئەخمەت كامىل ئەرئوزان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بەردى. ئۇ ئۇچۇردا مۇنداق دەپ يازغان: «بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېسىم ئىشلىتىشىمىزگە چىدىيالمىغان ھۆكۈمەت بۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ ئىلگىرىلەشلەرنى داۋاملىق ھالدا كۆزىتىمىز. بىز ‹ئىيى› پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداشقا ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىشقا داۋام قىلىمىز.»

بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بۇنىڭ بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ياخشى ئىش. لېكىن بىز ئەمەلىي ئىشقا قارايمىز. مەسىلەن، بىز ھۆكۈمەت خىتاي ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتىمۇ؟ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى دېدىمۇ؟ بۇلارغا قارايمىز. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستانغا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى تېخىچە بۇنداق بىر ھەيئەت ئەۋەتمىدى. بىز بۇلارغا قارايمىز.»

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلساق، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تەۋسىيەم شۇكى، دۇنيادىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر، داڭلىق تەنتەربىيەچىلەر، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە داڭلىق سىياسىيونلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ دۇنيا ۋە تۈركىيەدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلسا ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەسىرى بولىدۇ.»

18 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە «قەيەردە ئېزىلگەن مۇسۇلمان خەلق بولسا ئۇلارغا ئىگە چىقىمىز» دەپ كۆرسىتىلگەن. پارتىيەنىڭ بۇ سىياسىتى بويىچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى ئانچە تىلغا ئالمايۋاتقان ئىدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا توختالدى.

2015-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى توختامنامىغا قول قويغان بولۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش مەزكۇر توختامنامىنىڭ روھىغا ئاساسەن تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.