خاقان چاۋۇشوغلۇ: «خەلقئارالىق ئورگانلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارالىشى كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ۋەقپى ھەيئەتى تۈركىيە پارلامېنتىدا.
خىتاي ئىنسان ھەقلىرى ۋەقپى ھەيئەتى تۈركىيە پارلامېنتىدا.
Social Media

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشوغلۇ خىتاينىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

خاقان چاۋۇشوغلۇ خىتاي ھەيئەتكە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بارالىشى كېرەكلىكى» نى ئېيتقان. ئۇ، ھەيئەتلەر ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەر توغرىسىدا تۈركىيە ت ر ت تېلېۋىزىيەسىگە قىسقا بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشتا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە ئائىت كىشىلىك دوكلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ خىتاي تەرەپكە: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئاخباراتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار توغرىسىدا سىلەردىن مەلۇمات ئېلىش ۋە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز كىشىلىك ھوقۇقنى تەكشۈرۈش كومىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق» دېگەن.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت نىڭ 29-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خاقان چاۋۇشوغلۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مېڭفۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى جەھەتتىن ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا توسالغۇسىز بارالىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ھەقتە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى دېگەن.

29-نويابىر كۈنى تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى خاقان چاۋۇشوغلۇ ئەپەندى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى باشلىقى خۇاڭ مېڭفۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا، «ئىيى»، يەنى ياخشى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، خاقان چاۋۇشوغلۇنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىمىزنىڭ بۈگۈن مېھمىنى بار ئىدى. بۇ مېھمان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق فوندى رەئىسى ئىكەن. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخباراتتا ئېلان قىلىنغانلارغا قارىساق، ئۇچرىشىشتا ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا كۆپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماپتۇ، ئەكسىچە تىجارەت، ئىقتىساد ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپتۇ».

پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشوغلۇنىڭ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلسا كۆرۈشمەي خىتاي بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى خىتايدىكى زۇلۇمدىن بىخەۋەر ئەمەس. مەن ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن ئۆزىگە خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى يەتكۈزگەن ئىدىم، لېكىن جاۋاب بەرمىدى. ئەسلىدە جاۋاب شۇ گېزىتتىكى ‹خىتاينىڭ پۇلى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى› دېگەن ماقالىدىن مەلۇمدۇر».

مەزكۇر ماقالە 29-نويابىر كۈنى تۈركىيەدىكى «قارار» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانىدى.

بىز بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ياۋرو-ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» رەئىسى ئابدۇللا بۇكسۇر ئەپەندى ۋە ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمى بىلەن تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، خىتاي ھەيئىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇچرىشىشتا خىتاي تەرەپ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشقان. ئۇنداقتا خىتاي تۈركىيەنى قايىل قىلالارمۇ؟ «ياۋرو-ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى» ئابدۇللاھ بۇكسۇر ئەپەندى بۇ خىل زىيارەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە تۈركىيەنى قايىل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرى بار. تۈركىيە گەرچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا. كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتە خىتايغا قايىل بولسا تۈركىيە قوبۇل قىلغان ياۋروپانىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ».

ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشوغلۇ پارلامېنتنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر باياناتتا ھەيئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش فوندى باشلىقى خۇاڭ مېڭفۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس بەزى سىياسىي پارتىيە، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ئۇچراشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت