مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىق خاتىرىسىدە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بايانات ئېلان قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-12-18
Share
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىق خاتىرىسىدە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم بايانات ئېلان قىلدى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارشى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان كاندىدات، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر پارتىيىسىنىڭ سايلام خىتابنامىسى ھەققىدە سۆز قىلدى. 2018-يىلى 14-ماي، ئەنقەرە، تۈركىيە.
AP

تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەرال ئاقشەنەر خانىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدىتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى، بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلىرىنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتقانلارغا قارشى ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلىگەن. ئۇزۇن يىل مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ يېنىدا ئىشلىگەن ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «مەرال ئاقشەنەر خانىم باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىننى ئەسلەپ بايانات ئېلان قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى،» دېدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىننىڭ ئوغلى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ باياناتى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئەسلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنداق بايانات ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەپ، بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىنىڭ كىشىلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ۋەتتەننى تەرك ئېتىپ، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن. 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئەيسا ئەپەندى 1960-يىلى ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى» نى قۇرغان، 1985-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى» نى قۇرغان. ئەيسا ئەپەندى 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغۇچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلغان. ئەيسا ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى باغچە، كوچا ۋە مەكتەپلەرگە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ نامى بېرىلگەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1995-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى فاتىھ مەسچىتىدە ئوقۇلغاندىن كېيىن، مىيىتى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئادنان مەندەرەس، سابىق دۆلەت رەئىسى تۇرغۇت ئۆزەللەر دەپنە قىلىنغان توپقاپى مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى گۈلچەمبىرەك ئەۋەتكەن ۋە قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرى نەق مەيداندىن خەۋەر بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت