خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاخباراتنى كونترول قىلىش يېڭى تاكتىكىسى-ئېلان بېرىش

مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.06.11
جۇمھۇرىيەت گېزىتىدىن مۇستافا بالباي، خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتىرىسىنى تۇتقا قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلماقتا. 2021-يىلى ئىيۇن.
Photo: RFA

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسى دۇنيادىكى ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بولۇپمۇ خەلقئارالىق چوڭ مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى لاگېرلارغا سولىنىپ كەتكەن بىر قىسىم لاگېر قۇربانلىرى تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن يېتەرلىك ئورۇن ئالالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەجەبلەنمەكتە. شۇنىڭدەك خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

بىر قىسىم تۈرك ژۇرنالىستلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى ئېلان بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۇراقسىز تۈرك ئاخباراتچىلىقىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن.

«تامغا تۈرك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچى ئاخبارات دەپ قارىلىۋاتقان «جۇمھۇرىيەت» گېزىتى خادىملىرى خىتاي كونسۇلخانىسىغا قايتا-قايتا تېلېفون قىلىپ ئۆزلىرىگە ئېلان بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئەھۋال مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئۇقۇشماستىن بىر ئۈندىدار توپىغا، «جۇمھۇرىيەت» گېزىتى نىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئېلان ئېلىش ئۈچۈن قايتا-قايتا تېلېفون قىلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرنى يوللىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. ئاشكارىلانغان ئۇچۇردا «ياڭ ئەپەندىم، ‹جۇمھۇرىيەت› گېزىتى بىزگە ئېلان بىرىڭلار دەپ قايتا-قايتا تېلېفون قىلىۋاتىدۇ. نېمە دەپ جاۋاب بېرەي؟» دېيىلگەن. بۇ ئۇچۇر يوللانغاندىن كېيىن دەرھال يۇيۇۋېتىلگەن. ياڭ فامىلىلىك كىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خەۋەردە «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشتە ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنتايىن سەزگۈر پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەنلىكى ئېيتىلغان.

بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىنى بىلىش ئۈچۈن «جۇمھۇرىيەت» گېزىتنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفۇن قىلدۇق. تېلېفۇننى ئالغان خادىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقى بولغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تېلېفۇننى قويىۋەتتى.

«جۇمھۇرىيەت» گېزىتى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋە نەشرىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى مۇستاپا بالباينىڭ 12-، 13-ماي كۈنلىرى ئېلان قىلغان «خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ۋاكسىنا ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدە»، «قوشنىمىز خىتاي» قاتارلىق ئىككى يازمىسى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. بولۇپمۇ «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ ئېلان كىرىمى ئۈچۈن خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىشقا باشلىغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىغان.

بالباينىڭ يازمىلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاش تىرىشچانلىقى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، ماقالىدە بالباي تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىئالوگ يولى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتا چۈشىنىشلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئەڭ چوڭ خاتالىقنىڭ ۋاشىنگتون ئارقىلىق خەۋەرلىشىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوخشاش كۈندە «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە مۇستاپا بالباينىڭ خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئەلچى تەپتىشى چېڭ ۋىيخۇا بىلەن بولغان زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان.

بىز خىتاينىڭ تۈرك ئاخباراتچىلىقىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاپتورى ژۇرنالىست مۇھەممەت ئاكىف بىلەن ئالاقىلاشتۇق، مۇھەممەت ئاكىف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈرك ئاخباراتچىلىقىدا تەسىرى كۈچى مەۋجۇت. خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۈچ ۋە كۈنسېرى ئەسەبىيلىشىۋاتقان تۈزۈلمىگە ئىگە دۆلەت. خىتايغا قارشى چىققان ئاجىز بىرى بولسىڭىز، خىتاينىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز، ھەتتا سۇيىقەستكە ئۇچرىشىڭىز مۇمكىن. خىتاينىڭ ھەممەيلەنگە تەھدىت سېلىش ئىمكانىيىتى بار. تۈرك ئاخباراتچىلىقى ئاجىز. ئىككىگە بۆلۈنگەن ھالەتتە. بىرى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخباراتچىلىق. يەنە بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىقتا. بەزى ئاخباراتلار ۋەيران بولماسلىق ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىسادىي مەنبەلەرگە ۋە ئېلان كىرىمىگە موھتاج. مەسىلەن، ‹جۇمھۇرىيەت› گېزىتى خىتاي ئەلچىخانىلىرىدىن تەكرار-تەكرار ئېلان بېرىشنى تەلەپ قىلغان. تۈركىيەدە ئەركىن ئاخبارات ئاجىز بولغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە ماھىل ئاخباراتلارنىڭ پەقەت بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ئاخباراتلارنىڭ ئەھۋالىنى بەلگىلەيدۇ».

ژۇرنالىست مۇھەممەت ئاكىف ئەپەندى يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا كەسكىن رەۋىشتە ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتايغا قارشى كۈتكىنىمىزدەك پوزىتسىيەدە بولمايۋاتىدۇ. ئەزەلدىن ئاجىز تۈرك ئاخباراتچىلىقىغا خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بار. ئاخباراتلارنىڭ بىر قىسمى ئەمەلىيەتتە، خىتايغا باغلانغان ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. خىتايدىن ئېلان ۋە ئىقتىسادىي مەنبە كۈتۈۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتمۇ خىتايغا باغلانغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا ماسلاشقان. دېمەككى، خىتاينىڭ تۈرك ئاخباراتچىلىقى ئۈستىدە كۈچلۈك تەسىر كۈچى بار. ئەپسۇس، خىتاي بۇنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىكى تەشۋىقاتى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ گېزىتلەرگە بەرگەن ئىلانلىرى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە خىتاينىڭ بەزى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان بېرىش ئارقىلىق سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى ژۇرنالىستلارنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتا. «سەربەستىيەت» تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ھۆررىيەت» گېزىتىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيت بايرىمى تەبرىكنامىسى، «جۇمھۇرىيەت» گېزىتنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلانى، خىتاي دىپلوماتلىرى بىلەن ئالاھىدە زىيارەت خاتىرىلىرى، شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى تەييارلىغان پۈتۈن سەھىپىلىك ئېلان قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە ئاخباراتىغا تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى توغۇرلۇق كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېلان بېرىش ئارقىلىق تۈركىيەدىكى سىياسىي تەشۋىقاتىنى كېڭەيتىشكە تىرىشقان. مەسىلەن، بېرىلگەن ئېلان بىلەن خەۋەرلەرنىڭ پەرقى ئېنىق بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بەرگەن ئېلانلىرى خەۋەرگە ئوخشىتىپ لايىھەلەنگەن. ئوقۇرمەننىڭ خەۋەر بېتى بىلەن ئېلان بېتىنى پەرق قىلىشى قەستەن تەسلەشتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلانلىرى گېزىتنىڭ رەسمىي خەۋەرلىرىگە ئوخشىتىپ ئېلان قىلىنغان.

«ھۆررىيەت» گېزىتىنىڭ سابىق ئوقۇرمەن ۋەكىلى ژۇرنالىست فارۇق بىلدىرىجىنىڭ «‹ھۆررىيەت› گېزىتى پۇلنى دەپ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلدى» دېگەن ماقالىسىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن. ماقالىدە فارۇق بىلدىرىجىن «ھۆرىيەت» گېزىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن: «‹ھۆررىيەت› گېزىتى پۇلغا توغرا-خاتالىقى گۇمانلىق ئۇچۇر، پىكىر، ۋە ئەيىبلەشلەرنى نەشر قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ‹ھۆررىيەت› كە ئېلان بېرىش كېرەكمۇ؟ مەسىلەن، لىۋىيە ھافتەر كۈچلىرى ياكى سۈرىيە ئەسەد ھۆكۈمىتى ئېلان بەرسە، ‹ھۆررىيەت› گېزىتى ئېلان قىلامدۇ؟ ئاخباراتچىلىقتا ئۆلچەم پۇل بولسا، ‹ھۆررىيەت› گېزىتى ئۇلارنىمۇ ئېلان قىلىشى كېرەك».

تور گېزىتى «سەربەستىيەت» دا ئېلان قىلىنغان «ئاخباراتلارنىڭ ئەڭ مودا ئېلان بەرگۈچىسى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى» ناملىق خەۋەرنىڭ ئاپتورى ژۇرنالىست ئونۇر ئەركان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تۈرك ئاخباراتچىلىقىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىش جەھەتتىن خىتاي دىپلوماتىك قۇرۇلۇشلىرى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قارىماققا خەۋەردەك كۆرۈنىدىغان ئېلانلىرى دىققىتىمنى تارتتى. ‹ھۆررىيەت› ۋە ‹جۇمھۇرىيەت› قاتارلىق گېزىتلەردە خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئېلانلىرى بار. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردا ئاخباراتقا بىۋاسىتە ئېلان بېرىش ئارقىلىق تەشۋىقاتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئېلانلار خەۋەرگە ئوخشاش شەكىلدە لايىھەلىنىپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان مەزمۇنلارنىڭ ئاخباراتقا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تۈركىيەدە مەتبە ئاخباراتچىلىقى بۇرۇنقىدەك كۆپ كىرىم قىلالمايۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك مەتبە ئاخباراتچىلىقىدا جىددىي ئىقتىسادىي مەسىلە كۆرۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئېلانلار ۋە ياردەم ئالىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەلەر مەتبە ئاخباراتچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ سەۋەبلىك ئېلان بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇلار ياقتۇرمايدىغان مەزمۇنلاردا خەۋەر ئىشلەشتىن ئۇزاق تۇرماقتا. خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى تۈركىيە ئاخباراتچىلىقىدا بۇ بوشلۇقنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيە ئاخباراتچىلىقىدىكى بۇ ماددىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ۋە تاشقىي سىياسەت تەشۋىقاتلىرىنى يېيىش ئۈچۈن مېتود سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».

ئەمما ئېلانلارنىڭ ئۆلچەملىرى تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىنمۇ بېكىتىلگەن بولۇپ، تۈركىيە تىجارەت مىنىستىرلىقىنىڭ «تىجارەت ئېلانى ۋە نامۇۋاپىق تىجارەت ئۇسۇللىرى قوللانمىسى» نىڭ ئېلانلارنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماددىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «شەكلى ۋە ئېلان قىلىنغان ئورۇن نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېلان ئىكەنلىكى ئېنىق ئىپادىلەنگەن بولۇشى كېرەك. ئېلانلار تەھرىر تەرىپىدىن كۆرۈلۈش ۋە ئاڭلىنىش شەكلى جەھەتتىن ئوچۇق بىر شەكىلدە ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى شەرت».

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى تەشۋىقات ۋە ساختا ھېسابلار ئارقىلىق جامائەت پىكرىنى باشقۇرۇشقا تىرىشىشتىن باشقا، ئىستراتېگىيەلىك رولى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ھەر خىل ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە كېلىشىمنامىلەر بىلەن كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەدە «ئۇلۇسال قانال» ۋە «ئايدىنلىق» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئالىقاچان خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئورگانلىرىغا ئايلىنىپ بولغان.

مەزكۇر ھادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ژۇرنالىست مۇھەممەد ئاكىف ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسىدىن بۇرۇن خىتاي فەتتۇللاھ گۈلەنگە يېقىن ‹جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى› بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. ئۇلارغا ‹ئانادولۇ ئاگېنتلىقى› ياكى ‹دوئان ئاگېنتلىقى› تەۋسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى. ئۇلار فەتۇللاھ گۈلەن جامائىتى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ‹جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى› نى تاللىغان.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي بىر يەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىسا، ئەڭ ئاسان سېتىۋالغىلى بولىدىغان كىشىلەرنى تاللايدۇ. كىملەرگە ئاسان تەسىر قىلالىسا ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى خالايدۇ. 15-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ‹جىھان خەۋەر ئاگېنتلىقى› غا دۆلەت تەرىپىدىن يېڭى مەسئۇل تەيىنلەندى ۋە ھەمكارلىق پىلانى توختىتىلدى. خىتاي تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە كىرگەندە جىددىي مەبلەغ بىلەن كېلىدۇ. بەزى ژۇرنالىست ۋە گېزىتلەرنى پۇل بىلەن سېتىۋالىدۇ. بۇ خىل گېزىت-ژۇرناللارغا خىتايغا قارشى ھېچقانداق خەۋەر چىقمايدۇ. مەسىلەن، ‹جۇمھۇرىيەت› گېزىتىدە شەرقىي تۈركىستان ئۇقۇمى پەقەت ئىككى يەردىلا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىرى ‹تۈركىيە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تونىدى› دېگەن خەۋەر ئىكەن. بۇ خىل ژۇرناللارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇش ئەمەس، قىرغىنچىلىقنى ئاقلاش تىرىشچانلىقىمۇ بار».

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى داۋاملىشىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئارقىلىق ئۆكتىچى ئاخباراتلارنىمۇ جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.