تۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى بىر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021-01-10
Share
تۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدىكى بىر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى تۋىتتېر شىركىتى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاپ «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى ئەمەس» دېگەن مەزمۇندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرى. 2020-يىلى يانۋار.
Social Media

تۋىتتېر شىركىتى شەنبە كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى ئەمەس» دېگەن مەزمۇندىكى بىر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ لاگېر سىياسىتىنى ئاقلاپ: «تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىدىيەسى ئازاد قىلىندى، جىنسىي باراۋەرلىك ۋە كۆپىيىش ساغلاملىق ئېڭى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇلار ئەمدى بالا تۇغۇش ماشىنىسى بولۇش قىسمىتىگە خاتىمە بەردى. ئۇلارنىڭ ھازىر ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە مۇستەقىللىق تۇيغۇسى ئاشتى.» دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغا بىر پارچە تۋىتتېر ئۇچۇرى تارقاتقان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرىنىڭ ھاقارەت خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ۋە كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ھەمدە بۇ ئۇچۇرنىڭ تۋىتتېر شىركىتىنىڭ «ئىنسانسىزلاشتۇرۇش» پرىنسىپىغا مۇخالىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلىپ، ئۇنى توسۇۋېتىش تەلەپ قىلىنغان.

دەسلەپتە تۋىتتېر شىركىتى بۇ ئۇچۇردا بىر خاتالىق يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئېلىۋېتىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ شەنبە كۈنى قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

تۋىتتېر باياناتچىسى ئارس تېخنىكا خەۋەر تور بېكىتىگە مۇنداق دېدى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ شىركىتىمىزنىڭ ئىنسانسىزلاشتۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بېكىتىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرىكەت قوللاندۇق. بىز توپلۇق ياكى ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ دىنى، ئىرقى، مىللىتى ۋە ياكى باشقا كاتېگورىيەگە ئاساسەن ئىنسانسىزلاشتۇرۇشىغا يول قويمايمىز.»

تۋىتتېر شىركىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ھەقتە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا بۇ ئۇچۇر ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا ھېساباتلىرىنىڭ يەنىلا ئوچۇق تۇرغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرۈشتى.

تۋىتتېر ئۆتكەن يىلى ئىيۇندا خىتاي كومپارتىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك 23 مىڭ تەشۋىقات ھېساباتىنى توختىتىپ قويغانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت