خىتاي «ھويلا-ئارامنى ئۈچكە ئايرىش» نى تەھدىت ۋە جازا بىلەن يولغا قويماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.06.05
tekshurush-saqchi-uyghur-mehellisi.jpg خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنى ئاقتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 8-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا «ئۆي بېزەكنى ئۈچلەشتۈرۈش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى كىگىز ۋە گىلەملەرنىڭ ئورنىغا سافا ۋە كارىۋاتنى ئومۇملاشتۇرغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە، «ھويلا ئارامنى ئۈچكە ئايرىش» دولقۇنى قوزغاپ، ئۇيغۇر ھويلىلىرىنىڭ مىللىي قىياپىتىگە خاتىمە بەرمەكتە ۋە بۇ پىلانىنى تەھدىت ۋە جازا تەدبىرلىرى بىلەن ئىجرا قىلماقتا.

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ھويلا-ئاراملىرىنى خىتايچە تۈسكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەخسۇس دولقۇن قوزغىغانلىقى، دولقۇنغا ماسلاشمىغانلارنىڭ تەھدىت ۋە جازاغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بىز ئىنكاستىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، ئاقسۇ ئۇچتۇرپانغا تېلېفون قىلدۇق.

ئۇچتۇرپاندىكى بىر كەنت ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇچتۇرپاندا ئۇ مەسئۇل كەنتتىكى مەھەللىدە، ئاھالىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك، ھويلا-ئاراملىرىنى ئۈچكە ئايرىش تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتىپ بولغان. بۇ تەلەپ بويىچە ھويلىنىڭ بىر تەرىپىدە قوتان بولۇش، بىر تەرىپىدە كۆكتاتلىق بولۇش ۋە ھويلا سەيناسى(مەيدانى) سېمونتلۇق بولۇش تەلەپ قىلىنغان.

«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەپتىدىكى بىر خەۋىرىدىمۇ بۇ «ئۈچلەشتۈرۈش» تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇنىڭ ئاممىنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەم ماسلىشىشى بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما ئىگىلەشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاھالىلەرگە ھويلا-ئارامنى ئۈچكە ئايرىش ئۈچۈن بەزى جايلاردا 2-3 كۈنلۈك؛ بەزى جايلاردا بىر ھەپتىلىك مۆھلەت بېرىلگەن. بۇ ھەرىكەت كەنت ۋە يېزا ساقچىلىرى، تۆۋەنگە چۈشكە يېزا كادىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە نازارەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان. بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە پۈتتۈرەلمىگەنلەرگە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدا 7 كۈن تازىلىق قىلىش ۋە نۆۋەتتە تۇرۇش جازاسى؛ قارشىلاشقانلارغا تەربىيەلەشكە ئەۋەتىش جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مۇناسىۋەتلىك قاناللار ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە بۇ دولقۇنغا ماسلاشمىغان بىر كىشى 15 كۈنلۈك قاماققا ئېلىنغان. قاماققا ئېلىنغۇچىنىڭ سۈرىتى بىلەن يوللانغان ۋە رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچۇردا، ئۆي ئىگىسىنىڭ بىر ئاشخانىدا ئىشلەمچى ئىكەنلىكى، ئىشىدىن ئايرىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ھويلا-ئارام ۋە ئۆي بېزەكلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ۋاقتىدا ئېلىپ بارالمىغانلىقى ھەم مۇشۇ سەۋەبتىن جازالانغانلىقى بايان قىلىنغان.

«ئاقسۇ گېزىتى» دە مەزكۇر ئۈچكە ئايرىش ھەرىكىتى مەھەللىلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پاكىزلاشتۇرۇش دەپ سۈپەتلەنگەن. تۈركىيەدىكى پائالىيەتچى جەۋلان شىرمەمەت، بۇ ھەرىكەتنىڭ گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى يەنە بىر خاسلىقنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ پىكرىگە ئاساس سۈپىتىدە، خىتايلارنىڭ ھويلا-ئارام مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈلگە ئالغۇدەك بىر ئۈستۈنلۈكنىڭ يوق ئىكەنلىكى، ئەكسىچە، ھويلا-ئارام تازىلىقى ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئۇيغۇر رايونىدا ياشاۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ قايىل ئىكەنلىكىنى؛ بۇ قايىللىقىنى نورمال تۇرمۇشتىكى سۆھبەتلەردىنمۇ، يېزىلغان كىتاب-ماتېرىيلاردىنمۇ كۆرگىنى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.