ئۇكرائىنا خىتاينىڭ ۋاكسىنا تەھدىتى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىنى تەكشۈرۈش تەشەببۇسىدىن يېنىۋالغان

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021-06-27
Share
قازاقىستان پۇقرالىرىدا خىتاي ئىشلەپچىقارغان كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىناسىغا قارىتا سەلبىي ئىنكاسلار كۆپەيمەكتىكەن خىتاي ئىشلەپچىقارغان «sinopharm» كورونا ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى.
Photo: RFA

ئىككى نەپەر غەرب دىپلوماتىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۇكرائىناغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان 500 مىڭ تال كورونا ۋاكسىنىسىنى تۇتۇپ قالىمىز، دەپ تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا دەرھال كىرىشىگە رۇخسەت قىلىش تەشەببۇسىدىن يېنىۋالغان.

ئۇكرائىنا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش چاقىرىقىغا ئىمزا قويغان 40 نەچچە دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغاندىن ئىدى.

مەزكۇر چاقىرىقنى سەيشەنبە كۈنى كانادا جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويغان. چاقىرىققا دەسلەپتە 41 دۆلەت ئاۋاز قوشۇپ، خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا دەرھال كىرىشىگە ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

كانادانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لېسلېي نورتون سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا «ئىشەنچلىك دوكلاتلار شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا، «قىيىن-قىستاق، رەھىمسىز ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جازالاشلار ھەمدە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە دوكلاتلار» بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

نورتوننىڭ چاقىرىقىنى دەسلەپتە 41 دۆلەت قوللىغان بولسىمۇ، بۇ سان كېيىن 45 كە يەتكەن. ھالبۇكى، ئۇكرائىنانىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن چاقىرىققا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر سانى ھازىر 44 كە چۈشۈپ قالغان.

دىپلوماتلارنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان دۇنياۋى دىققەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەتتا ئىنساننىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا خىتاينىڭ سىنوۋاك بىئوتېخنىكىسى شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان 1 مىليون 900 مىڭ تال كورونا ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرى ماكىسىم ستېپانوفنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا بۇ يىل مايغىچە خىتايدىن 1 مىليون 200 مىڭ تال ۋاكسىنا تاپشۇرۇلغان ئىكەن.

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئ‍الىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت