يەرلىك دائىرىلەر ساتىراش ئۈمىد تۇرسۇنغا لاگېردا ئورمانچىلىقتىن دەرس بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.12.05
satirash-umid-tursun-ata-ana-guwahliq.jpg ساتىراش ئۈمىد تۇرسۇننىڭ تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Social Media

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئىسلامجان قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئاقسۇ يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئوغلى ئۈمىد تۇرسۇن ھەققىدە يېقىندا گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ساتىراشلىق قىلىۋاتقان بۇ ئوغلىدىن 3 يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە خەلقئارا جامائەتتىن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان ئاقسۇ يېزىسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر، ساتىراش ئۈمىد تۇرسۇننىڭ بىر يىل 11 ئايدىن بۇيان ئاتالمىش تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكى ۋە ئۇ يەردە ئورمانچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچلار، مۇھاجىر ئىسلامجان ھاجىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قورغاس ناھىيەسىنىڭ ئاقسۇ يېزىسىغا نوپۇسلۇق بولغان ئۈمىد تۇرسۇن، 2015-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ۋە ئۈرۈمچىدە ئەسلى كەسپىنى داۋام قىلىپ ساتىراشلىق دۇكىنى ئاچقان. 2016-يىلى تۈركىيەدىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن نورمال ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتقان ئۈمىد تۇرسۇن 2017-يىلدىن كېيىن ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. ھازىرغا قەدەر ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئۇيغۇر رايونىدىن تۈركىيەگە ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۇتۇپ سوراق قىلىنغانلىقى ۋە مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ لاگېر ياكى تۈرمىگە سولانغانلىقى مەلۇم. قورغاسنىڭ ئاقسۇ، يەنە بىر ئاتىلىشى داشىگۈر يېزىسىدىكى خادىملاردىن بىرى ئۈمىد تۇرسۇننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما بىر كەنت ئاياللار مۇدىرى، ئۈمىد تۇرسۇننىڭ 1-گۇرۇپپىدىكى 8 دوستى بىلەن توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۈمىد تۇرسۇننىڭ ئانىسى خانىممۇ تىۋىتتىرا گۇۋاھلىق باياناتى بېرىپ، ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكى ئۈچۈن خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ياردەم سورىغانىدى.

ئاقسۇ يېزىسىدىكى يەنە كەنت كادىرى ئۈمىد تۇرسۇننىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشكە ئەكېتىلگىنىگە بىر يىل 11 ئاي بولغانلىقىنى ۋە قورغاس 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان «تەربىيەلەش مەكتىپى» دە ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە 3 ‏-ئوتتۇرا مەكتەپ قورغاس ناھىيەسىنىڭ سۈزۈكسۇ. يەنە بىر ئاتىلىشى چىڭسىخوزا بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، 2017-لاگېرغا تۇتقۇن باشلانغاندا، شۇ يېزىدىكى دوختۇرخانا بىلەن بىرلىكتە، لاگېر ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بەزىلىرىنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىدىكى تۇتقۇنلار كېيىنچە قورغاس ناھىيەسىدە مەخسۇس لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، شۇ يەرگە يۆتكىۋېتىلگەن. مەزكۇر خادىم، ئۈمىد تۇرسۇن قاتارلىق تۇتقۇنلارنى كەنت كادىرى سۈپىتىدە يوقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ ئەمما ئۇ 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاخىرقى قېتىم بارغان ۋاقتىنىڭ قاچان ئىكەنلىكى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ لاگېر ئورنىدا ھېلىھەم ئىشىلىتىلىۋاتقان-ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

مۇھاجىر ئىسلامجان ھاجى ئوغلىنىڭ ئۇستا ۋە خېرىدارلىق بىر ساتىراش ئىكەنلىكىنى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى قامدىغۇدەك ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا، ئوغلىنىڭ ھېچقانداق بىر كەسپىي تەربىيەگە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مەزكۇر كەنت كادىرى، ساتىراش ئۈمىد تۇرسۇنغا، خىتاي تىلى ۋە قانۇن بىلىملىرىدىن باشقا، ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ ھۈنەرۋەن ئۈمىد تۇرسۇنغا قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن ئورمانچىلىقنى ئۆگىتىۋاتقانلىقى ۋە ھەققىدە ئىزاھات بەرمىدى.

خەلقئارا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر، ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېغىر قېيىن-قىستاق لاگېرى ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردە پەقەت خەلق ئاراغا كۆرگەزمىلىك ئۈچۈنلا تولىمۇ ئاز بىر ۋاقىتتا ھەرخىل خىل كەسىپ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېقىندا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلىرىدىمۇ، بۇ جايلاردا كەسىپ ئۆگىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە دېيىلمىگەن؛ پەقەت ئېغىر دەرىجىدىكى زورلاش مېتودلىرى بىلەن مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.