تاجىكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان چېگرا مەسىلىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئاخىرقى چېگرا ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى شەنبە كۈنى، تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى قارا سۇ ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2008-09-21
18 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەخسۇس تارىخ مۇھاكىمە تارمىقىدا "ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تارىخشۇناسلىقى ھەمدە خىتاي تىلىدىن باشقا مەنبەلەر" ماۋزۇ ئاستىدا ئۈچ مۇتەخەسسىس مەخسۇس ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى، ئۇيغۇرچە ۋەخپە قول يازما ھۆججەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى.
2008-09-18
زەھەرلىك سۈت پاراشوك ۋەقەسى بىر ھەپتىدىن بېرى خىتاي جەمئىيىتىنى ئالاقزادە قىلماقتا. بۈگۈن خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى سۈت پاراشوك زاۋۇتلىرىنىڭ %20 ى زەھەر تەركىپلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە بازارغا سالغان.
2008-09-18
پوسكام ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ناھىيە 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مەكتەپلەرنى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ھەرىكەتكە چاقىرغان، چاقىرىق مەزكۇر تور بەتتىكى بىر ئۇقتۇرۇشتا بايان قىلىنغان.
2008-09-17
ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بۈگۈن 5 - نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئىدېئولوگىيىلىك جەڭ ئېلان قىلدى.
2008-09-17
تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايون باشلىقى 15 - سېنتەبىر كۈنى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ئىپتار زىياپىتى بەرگەن. ئىپتارغا زەيتىنبۇرنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بولۇپ 2500 كىشى قاتناشقان.
2008-09-16
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يىپەك يولى مەدەنىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەمدە قوغداش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى 240 مىليون ئاجرىتىدىكەن.
2008-09-16
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى" شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە " ئاز سانلىق مىللەت بالىلار مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى " نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتمەكچى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس 3 مىليارد 750 مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان.
2008-09-16
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە " ھىزبۇل - تەھرىرگە قارشى " كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات تەربىيىسىنى باشلىغان.
2008-09-15
خوتەن ناھىيىسى خانئېرىق يېزىسىدا بىر قىسىم دېھقانلار خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، ۋە دىنىي سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى "جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغان" دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان.
2008-09-15
ھازىر خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كوچا ناھىيىسى تەۋەسىدە ياشىغان خانلىق جەمەت ئەۋلادى داۋۇت مەخسۇتخانغا ئاتالغان بىر كۆرگەزمىخانا ئاچقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمىخانا كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2008-09-15
12 - سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رايبۇرن سارىيىنىڭ ئالتۇن زالىدا، بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن كېيىنكى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئاسىيا ئەللىرىگە تەۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىنغان. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىمۇ قاتناشتى.
2008-09-14
خىتاي قاتناش دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن چېگرىلىنىشتەك ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، سودا - ئىقتىسادنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قۇمۇل،كورلا، كۈيتۈن، غۇلجا قاتارلىق يەتتە شەھەردە 21 توشۇش ۋە يۆتكەش مەركەزلىرى ھەم بېكەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قۇرۇشنى قارار قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مىليارد يۈەن مەبلەغ سالماقچى بولدى.
2008-09-12
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئېنىرگىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبئىي گاز بايلىقىنى شەرقتىكى خىتاي سانائەت رايونلىرىغا يۆتكەيدىغان غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش تۇرۇبا يولىدىن يەنە بىرنى ياتقۇزۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.