تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يېتەكچىلىكىدە ياشلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئاكتىپ ئېلىپ بېرىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2019.12.17
uyghur-akademiye.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرسى. 2019-يىلى 14-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Azigh

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا جىددىي كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا تۆھپە قوشالايدىغان، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارلىق ياشلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى مۇھىم خىزمەت پىرىنسىپى قىلماقتا.

13-، 14-دېكابىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىدا «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى جەمئىي 10 ئۇيغۇر تەتقىقاتچىنىڭ دەرس بېرىشى ۋە 58 ئۇيغۇر ياشنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بۇ يىل 4-، 7- ۋە 10-ئايلاردا ئۈچ قېتىملىق «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» توغرىسىدىكى كۇرسقا ئالدىنقى 3 قېتىملىق كۇرستىن جەمئىي 15 ئوقۇغۇچى تاللانغان.

بىز سىياسىي ساپاغا ۋە تەشكىلىي ئاڭغا ئىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. قاراخان ئەپەندىم، بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدا ياشلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا بىز ياشلارنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە يېتىشىپ چىقىشىغا، بولۇپمۇ بىلىملىك سەمىمىي، ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ يېتىشىشىگە پۇرسەت بېرىشىمىز كېرەك. داۋا يولىدىكى پېشقەدەملەر تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ياشلارغا يەتكۈزۈشىنى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ياشلىرىمىزنىڭ داۋا يولىدا غەلىبىلىك دەۋاگەر ئىنقىلابچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە تەشكىللەۋاتقان كۇرسلىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇيغۇر پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرى قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، ھەر خىل تېخنىكىلىق ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

بىز بۇ قېتىملىق «خەلقئارالىق ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» ناملىق كۇرسقا قاتنىشىپ ئوقۇغۇچىلارغا بوسنىيەلىكلەرنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. مەغپىرەت كامال خانىم يۇقىرىقى كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەشتىكى رولى ۋە ئۈنۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياشلار بىر مىللەت ئۈمىدى ۋە كېلەچىكى دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ياخشى يېتىشسە مىللەت روناق تاپىدۇ. ھازىر ۋەتىنىمىزدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس. چەتئەلدىكى ياشلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتە ياردەمگە ۋە يېتەكلەشكە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن ياش، ئەمدى ھاياتقا قەدەم قويۇپ، مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان ۋاقىتتا يات بىر يەردە يالغۇز قىلىپ قالدى. ئاتا-ئانىسى ۋە يېقىنلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ كەتتى، شۇڭا روھى جەھەتتىن ئىنتايىن سۇنۇق. كەلگۈسى ھەققىدىكى پىلانلىرى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. بۇ كۇرسلارنى ۋە لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز بولسا، ئالدى بىلەن ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇش، ياشاش ۋە ھاياتتىكى كېلىشمەسلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈش، كەسپى بىلىملەرنى ئىگىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، بۈگۈنكى تېخنىكا دەۋرىدە تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش ۋە دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىش، تەتبىقلاش ئارقىلىق ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.»

دوكتور مەغپىرەت كامال، ئابلىمىت قاراخان قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىۋاتقان، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە، تەشكىلاتلارنىڭ ياكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلىشى، ئۇلارغا يېڭى چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي داۋاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.