ئامېرىكىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-10-11
Share
hilariy-xanim-xelqara-diniy-erkinlik-305.jpg ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 13-قېتىملىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون بايانات بەردى. 2011-يىلى 13-سېنتەبىر.
www.state.gov

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر كىشىلىك ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكىدا 10 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ 2013 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا نۇقتىلىق ھالدا ئۆتكەن يىلى كۈز پەسلىدىن بۇ يىل 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر قىلىش، يىغىلىش، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق باستۇرۇلۇش ئوبيېكتى قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ھېچقانداق چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى، توردا ئىغۋا تارقىتىشقا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكىنى كەڭ كۆلەملىك چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلات ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى ھوقۇقى رىقابەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مۇقىملىققا «يوشۇرۇن تەھدىت» دەپ قاراپ، قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدىكى قىسمىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، تىبەتلەر ۋە خىتايدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ باستۇرۇلغانلىقى ئەھۋالى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ بوغۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھۆكۈمەت ئىسلام دىنى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، بولۇپمۇ بۇ خىل بېسىم ئۇيغۇر مىللىتىگە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە.
دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدىكى سىياسەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالغان. دوكلاتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش«تەرەققىيات قۇرۇلۇشى پروگراممىسى» دا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتنى ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتنى چىقىش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
2013 - يىلى ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشى بىرقانچە قېتىملىق قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، 23 - ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسى، 26 - ئىيۇن پىچان لۈكچۈن ۋەقەسى، 28 - ئىيۇن خوتەن خانئېرىق ۋەقەسى، ئاۋغۇست ئايلىرىدا يۈز بەرگەن يىلقىچى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى قاتارلىقلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ساقچى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇر پىدائىيلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئېغىر دەرىجىدىكى ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە زور تۈركۈمدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش يۈز بەرگەن ئىدى.
دوكلاتتا يەنە، بىرقانچە ئايدىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە» بېرىش نامىدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى تەنقىدلىنىپ،«خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇن - نىزاملارغا خىلاپ ھالدا، ئىنتېرنېت ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تور بېكەتلىرىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى تارقاتقانلارنى، خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنلەرنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنى، دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارغا زەربە بېرىش» نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇقتىلىق ھالدا، دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقاتقۇچىلارغا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى يوللىغۇچىلارغا، شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرى يولغا قويۇلۇۋاتقان«قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش ھەققىدىكى تۈرلۈك ئەمىر - پەرمانلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىش ئوبيېكتى بولغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بۇ يىل 26 - ئىيۇندىن 31 - ئاۋغۇستقىچە بولغان قىسقىغىنا ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىن 256 كىشىنىڭ «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى ئۈچۈن جازالانغان» لىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ قېتىمقى ئىنتېرنېتتا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنتېرنېتتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىككى ئاي ئىچىدە 400 ئادەمنى ئىنتېرنېتتا ئۇچۇر يوللىغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق، ئەمما تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەمىلى سانى ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بىرلەشمە كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ 2013 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات» نىڭ ئاخىرقى قىسمىدا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. يەنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ب د ت «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نى تېزرەك تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىشنى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇش سالاھىيىتى بار - يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت